ياۋروپادا تىركىشىشى كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە

يېقىندىن بۇيان، قارا دېڭىز، بالتىق دېڭىزى، شىمالىي مۇز ئوكيان رايونىدا ھەربى مانىۋېر كۆپەيدى. 6-مارت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاتلانتىك ئوكيان ئىرادىسى ھەرىكىتى ناملىق ئەمەلىي جەڭ قىلىش مانىۋېرى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى ھەربى مانىۋېر رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇقلاشقاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھەربىي مانىۋېرلارنىڭ بىرى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرققە كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، بۇ رايوندا ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپانىڭ ھەربىي كۈچلىرى زورىيىپ، ئۆزلۈكسىز كەسكىنلىشىۋاتقان قارشىلىشىش كىشىنى ئەندىشىگە سالدى.
10-مارت، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، بۇلغارىيە، رومىنىيە ۋە تۈركىيەدىن ئىبارەت يەتتە دۆلەت قاتناشقان ھەربى مانىۋېر قىرىم يېرىم ئارىلىغا 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇلغارىيە قارا دېڭىز قىرغىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. گەرچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق مۇنتىزىم قىسىمىنى ئازايتىش پىلانىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسقا مۈددەت ياۋروپادا تۇرۇپ تەربىيەلىنىش ۋە ھەربى مانىۋېر ئۆتكۈزۈش ھەربى ئىشلار تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتتى. ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىمنى ئەۋەتتى، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە مانىۋېر ئۆتكۈزدى ۋە مەشق قىلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاتلانتىك ئوكيان ئىرادىسى ھەرىكىتى ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش مانىۋېرىنىڭ كۆپ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى. مۇشۇ ئايدىن بۇيان، گرۇزىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا پىيادە ئەسكەرلەر قىسىمىنىڭ تەخمىنەن 3000 ئەسكىرى شەرقىي ياۋروپاغا يۆتكەپ ئەۋەتىلدى. ئېستونىيە، لاتۋېىيە ۋە لىتۋادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن پولشا 3-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا ھاۋا ھەربىي مانىۋېرى ئۆتكۈزىدىكەن. ئامېرىكا قىسمى نەچچە بىروۋنېكنى ئېستونىيە، لىتۋا، پولشا، لاتۋېىيە، چېخ ۋە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتكە ئەۋەتىپ، ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى نامايەن قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاتلانتىك ئوكيان ئىرادىسى ھەرىكىتى مانىۋېرىنىڭ مەقسىتى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ساقلاش، ھەرىكەتنىڭ ئەركىنلىكىنى نامايەن قىلىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقى قىسىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراش مۈمكىنچىلىكىگە قارىتا تەھدىت پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت، دېدى.

ئۆتكەن ھەپتە چەتئەل مۇخبىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخباراتتىن قىسقا خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دەپ سوئال سورىدى: رۇسىيە نىمە ئۈچۈن ئۆز تۇپرىقىدا ھەربى مانىۋېر ئۆتكۈزسە غەرب تەرەپتىن ئىغۋاگەرچىلىك تەھدىتى دەپ قارىلىدۇ؟ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ چېگرىسىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزسە تىنچىلىقنى قوغداش ھەرىكىتى دەپ قارىلىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ۋاكالەتچى باياناتچىسى ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھىلىگەرلىك بىلەن يۈز تۇرانە جاۋاپ قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. بۇ ھەقتىكى ۋېدىئو ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئاممىنىڭ نۇرغۇن مۇلاھىزىسىنى قوزغىدى. نۇرغۇنلىرىدا ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ساختا دەپ ئەيىبلەندى.
ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇكىرائىنانىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە يېقىنلىشىشى ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى رۇسىيەنىڭ غەربىي قىسىم چېگرىسىنىڭ بىخەتەرسىزلىكىنى كۈچەيتتى، غەرب ئەللىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ شەرققە قاراپ يېقىنلاشتى. كۆپ قېتىم ئۇكىرائىنا قىسمى بىلەن بىرلىشىپ مانىۋېر ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، قارا دېڭىز، شەرقىي ياۋروپا رايونىدا ھەربى مەۋجۈتلۇقىنى كۈچەيتتى، رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك بىخەتەرلىكىگە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خىرس قىلدى. تەھدىد ئالدىدا، رۇسىيە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە مۇناسپ ئىنكاس قايتۇردى. تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى، رۇسىيە ئەڭ يېڭى ھەربىي تەلىمات چىقىرىپ، ئەتىراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خاتىرجەمسىزلىكى، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بەزى خوشنا دۆلەتلەردە شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزلۈكسىز كېڭىشىيىشىنى ئەڭ مۇھىم تاشقى ھەربىي تەھدىد دەپ قاراپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىتا ھوشيارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، رۇسىيە ھەربىي كۈچىدە بۇرۇلۇش ياساشنى داۋاملىق تېز ئىلگىرى سۈردى، جابدۇقلارنى يېڭىلاش كۈچى، ھەربىي كۈچنى تەڭشەپ ئوررۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئىستراتېگىيىلىك تەھدىد ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئاشۇردى.



خەتكۈچلەر:
24-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek