شىنجاڭ بازارلىرىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدى
مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە بازارلاردىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە شامالدۇرغۇچلارنىڭ بازىرى قىزىپ كەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغان بىر نەچچە سودا سارىيىنى زىيارەت قىلدىم. يېقىندا قەشقەر شەھىرىدىكى «گومېي» ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ئورنىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دياۋخۇڭشيا مۇنداق دېدى: ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا سەككىز يىل بولغانىدى، بۇ يىل ھاۋا تەڭشىگۈچ ئەڭ ياخشى سېتىلغان بىر يىل بولدى. ھازىر كۈنىگە 100دىن ئارتۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋاتىمىز. قەشقەر شەھەر ئاھالىسى ئېلى مۇھەممەت مۇنداق دېدى: مەن 3000 يۈەن ئەتراپىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچتىن بىرنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغان بىر نەچچە دۇكاننى ئارىلاپمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالالمىدىم، قەيەرگىلا بارسام ھاۋا تەڭشىگۈچ تۈگەپ كەتتى، دېگەن جاۋابنى ئالدىم، ئاخىر شامالدۇرغۇچتىن بىرنى سېتىۋالدىم.
مەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چاڭجياڭ يولىدىكى «سۇنىڭ» ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ئورنىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ چۈشتىن كېيىن كېلىدىغان شامالدۇرغۇچنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۆچىرەتتە تۇرغىنىغا خېلى بولغان شەھەر ئاھالىسى ئالمىرە مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالغىلى كەلگەنىدىم، باھاسى ئەرزانراق ھاۋا تەڭشىگۈچقۇ قالماپتۇ، قىممىتىنى سېتىۋالاي دېسەم ئورنىتىشقا بەش - ئون كۈن ساقلايدىكەنمەن، شۇڭا شامالدۇرغۇچ سېتىۋالاي دەپ ئويلىدىم.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «1 - ئىيۇل» جياڭيۇ زاۋۇتى يېنىدىكى «گومېي» ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ئورنىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شىنمىي مۇنداق دېدى: مال كېلىپ بولغىچە ئىستېمالچىلار تالىشىپ سېتىۋالماقتا، ھازىر مال ئۈزۈلۈپ قالدى. «گومېي» ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ئورنىدىن ئىككى شامالدۇرغۇچ سېتىۋالغان شەھەر ئاھالىسى ئالىمجان مۇنداق دېدى: ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى، شۇڭا بىرنى ئاپامغا، بىرنى ئۆزۈمگە سېتىۋالدىم.
ئىگىلىشىمچە، ھاۋا تەڭشىگۈچ قۇراشتۇرۇش ئۇستىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «سۇنىڭ» ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى بېيجىڭ، تيەنجىن، چاڭچۈن، شېنياڭ، چىڭداۋ قاتارلىق جايلاردىن ھاۋا تەڭشىگۈچ قۇراشتۇرۇش ئۇستىلىرىدىن 100 نەچچە كىشىنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved