جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى، ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1157 دوللار ئەتراپىغا چىققان. ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنىڭ ناچار چىقىشى، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈش قوشۇش مۆلچەرىنى ئاجىزلاتتى، بۇ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشىدە 1150-1160 دوللار ئارىلىقىدا بۆسۈش كۈچى بار، ئەگەر ئالتۇن باھاسى بۇ نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتەلىسە، كېيىنكى قەدەمدە1200 دوللار ئەتراپىغا چىقىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولسا بۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30 دە ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى.
بۈگۈن ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە 12 - ئايلىق پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى ياساش كەسپى زاكاز ئايلىق نىسبىتى، بۇ سانلىق مەلۇمات ياۋرونىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا 12-ئايلىق سودا ھېساباتى، ئامېرىكا 1-ئايلىق پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش نوپۇسى، ئامېرىكا 1-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى كەچتىكى دوللار يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغىمى چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5314 يۈەن؛
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved