چۇڭچىڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
سۈرەتتە :مەكتەپ ئىچىدە كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش ۋاستىچىلىك شېركىتى قۇرغان ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى دۇكاڭ .
چۇڭچىڭ ئجتىمائىي ۋە تبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ، سىز ھەر ۋاقىت بىر قىسقا چاچ قۇيۇۋالغان ، بەكلا ياش بىر ‹ئۇستام ›نىڭ ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدەپ ، ھەرخىل رەڭلىك كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى يىغىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسىز .
بۇ ؟ئۇستام ›دەل قۇرۇلۇش (پىلان)باشقۇرۇش تېخنىكىسى كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى دۇكاڭ . ئۇ كېرەكسىز ئەخلەت ئىچىدىن تىجارەت پۇرسىتىنى بايقاپ ،بىر كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش ۋاستىچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى .قىسقىغىنا ئىككى ئۈچ ئاي ئىچىدىلا دۇكاڭ غەلبە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى .
دۇكاڭ بۇ شىركەت قۇرۇش پىلانىنى تۇنجى بولۇپ ساۋاقدىشى جاڭمىڭغا ئېيتقاندا ئۇ ‹بولمايدۇ ،سېنىڭ بۇ پىلانىڭدا ھېچقانداق ئۈمىد يوق ›دېگەن .ۋە ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە باشقا يەتتە ساۋاقدىشىغىمۇ بۇ پىلانىنى ئېيتقان ، بۇ يەتتە ساۋاقداشنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا ئۇنىڭ پىكرىنى قوللىغان .شۇنىڭ بىلەن دۇكاڭ شۇ بىر ئاۋازنىڭ تۈرۈتكىسىدە ، مەكتەپ ئىچىدە كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش ۋاستىچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ ، مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى يىغقان .ئاشلىقنى قەدىرلەش كېرەك ،كېرەكسىز ئەخلەتنىمۇ ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ .
دۇ كاڭنىڭ قارىشىچە ئەخلەت خاتا ئۇرۇنغا قۇيۇلغان بايلىق مەنبەسى . دۇ كاڭنى قوللايدىغان دوستلىرى ئاز بولسىمۇ ئۇ پىلاننىڭ بىر تۈرگە ، تۈرنىڭ شېركەتكە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن .
ئۆتكەن يىلى ئۇ 10-ئايدىن باشلاپ شىركەت ئىچىدە مەخسۇس بىر سۇپا قۇرۇپ ، ئۇقۇغۇچىلار پەقەت تېلىفون قىلسىلا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يىغىۋالىدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويدى .بۇنىڭلىق بىلەن مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئون نەچچە يىغىۋېلىش پونكىتى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا كەلدى .
باشلىنىشتا دۇكاڭ پەقەت مەكتەپ ئىچىدىكى كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى يىغىۋالغان بولسا ،كېيىنچە كېڭەيتىپ دورىخانا ۋە تاللا بازارلىرىنىڭ كېرەكسىز ئەخلەتلىرىنىمۇ يىغىۋالدى . شىركەت قۇرۇلغان بىر نەچچە ئايدىلا ئېيىغا 7000~8000يۈەنگىچە كىرىم قىلدى.
ئۇ يەنە ھازىر زېھنى كۈچىنى ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە يان تېلېفون APPغا قارىتىۋاتىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈنىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved