ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىش قىلمىشى

سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى ، لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چېنجو شەھرى پارتىيە تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خىزمەت ئاپتوموبىلنى ئىشلىتىشتىن باشلاپ ،پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردا تۆت خاھىش جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە ،ئۇلارغا قاتتىق چارە كۆرۈلدى . ئاشكارە يۇشۇرۇن تەكشۈرۈشلەردە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىدى .4-ئاينىڭ 12-كۈنى ،شەنبە خۇنەن ئۆلكىسىدىكى مەمۇرلار ئىمتىھان بېرىدىغان كۈن ئىدى ،يۇشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ،ئىمتىھان نۇقتىسىدىكى ئاپتوموبىل توختۇش مەيدانىدا ، خۇنەن L.S0379 نومۇرلۇق دالا ئاپتوموبىلنى بايقاپ قالدى .

تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ گۈيدۇڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى ،شۇ كۈنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇغان بۇ خىزمەت ئاپتوموبىلنىڭ شەخسى ئىشقا ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالى .
چۈش سائەت 1:00يۇشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدكىلەر بىر بەزمىخانا ئالدىدا يەنە بىر خىزمەت ئاپتوموبىلنى بايقىدى . ماشىنا ئىگىسىدىن بۇ قايسى ئورۇننىڭ دەپ سورالغاندا ،ماشىنا ئىگىسى مەن بۇ يەردە تۇرىمەن ، بۇ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئەمەس دەپ جاۋاپ بەرگەن ، ئارقىدىن شوپۇر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئالدىراپلا كېتىپ قالغان . بۇ چېنجو شەھەرلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىلى ئىكەن . يۇشۇرۇن تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكىلەر بىر چۈشتىن بۇرۇن ،خىزمەت ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش قىلمىشىدىن ئالتىنى بايقىغان .

شۇ كۈنى يەنى چېنجو شەھىرىدىكى بەزى ئورۇنلارنى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى ، چېن جۇ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدە 16 ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىكى بەش ئاپتوموبىلنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى ، خىزمەتچىلەرمۇ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلگەنلىك ئىسپاتىنى كۆرسىتەلمىگەن .ئەمما شوپۇر ئاپتوموبىلنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت قورۇسىغا توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان . قائىدە بويىچە بولغاندا ، تۇنجى قېتىم بايقالغان ئورۇننىڭ خىراجىتىدىن مىڭ يۈەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتتى دەپ ئالاقىدار كىشىدىن 200يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ ، ئىككىنچى قېتىم مەسىلە كۆرۈلسە ،تەشكىلى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . ئۈچىنچى قېتىم مەسىلە كۆرۈلسە ، ئىدارىنىڭ ئاسالىق مەسئۇلىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرمە قىلىنىدۇ .


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ، ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
29-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek