تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئىراننى ئەيىبلىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 26-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە قاراتقان ھەربىي مۇداخىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىران رايۇنغا ھاكىم بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بۇ ئەھۋال بىزنى ۋە قولتۇق دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلماقتا» دېدى.
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەمەن ھەرىكىتىگە ئالاقىدار سۇئاللارغا جاۋاب بەردى. ئەردوغان ئىراننىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى تۇقۇنۇشلارغا ئارىلىشىشنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېدى: «يەمەندە ھۇسىي شىئە قۇراللىقلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى مەزھەرب تۇقۇنىشىدۇر. بۇ ئادەتتە شىئە-سۈننىي تۇقۇنىشىغا ئايلاندى. بىز بۇنداق بولۇشىغا ئىجابىي قارىمايمىز. يەمەن ئۆز ئىچىدە بۆلۈنۈشكە قاراپ ماڭماقتا. بىز يەمەن خەلقىنىڭ ھەممىسىنى قېرىندىشىمىز دەپ قارايمىز. شۇئاندا ھەربىي ساھەدە ياردەم بېرىشتە بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. ئەمما ھەر قايسى ساھەلەردە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىراننىڭ بۈگۈنگە قەدەر رايۇندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا. ئىران رايۇنغا ھاكىم بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئىراننىڭ قىلمىشى بىزنى بىئارام قىلماقتا. ئىران بۇنى ئويلىنىشى لازىم. ئىراققا قارىساق، بىر تەرەپتىن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن تۇقۇنىشىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىران ئىراققا ئەۋەتكەن ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن. ئىراننىڭ يەمەن ، سۇرىيە ۋە ئىراقتىن ھەرقايسى كۈچىنى چېكىندۈرۈشى لازىم. بۇ دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك» دېدى.
ئەردوغان فرانسىيە 24 قانىلىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا مىسىر ۋە قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ يەمەن ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇئاندا داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتلەر يەمەننىڭ كىلەچىكى نوقتىسىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن. ۋە بىز بۇ سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئەردوغان، ئىراننىڭ سۇرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئىنقلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ قوللىشى، ئىراقتا شىئە قۇراللىقلارنى ئەۋەتىشى ۋە يەمەندە شىئە ھۇسىي ھەرىكىتىنى قوللىشى ئارقىلىق رايۇندىكى نۇپۇزىنى ئاشۇرۇش ۋە رايۇنغا ھاكىم بولۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.



27-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ...
09-05-2016
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان 25–ئاپرېل ‹‹سەئۇدى ئەرەبىستان 2030 ئارزۇسى›› دىن ئىبارەت بۈيۈك ئىسلاھات پىلانىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر پىلاننى ئېلان قىلىش ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئار...
09-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 9-ماي سەھەردە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مىسى...
09-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ۋە...
09-05-2016
    پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئايدىن باشلاپ پارىژدىكى ئەڭ داڭلىق كوچا بولغان چامپس ئېليسىس كوچىسىدا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرىشى مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق...
09-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى بولۇپ، تايلاند خان جەمەتى ھەر يىلى داغدۇغىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تېرىلغۇ مەزگىلى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ...
09-05-2016
سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 9- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئامېرىكىدىكى ئىرىق مۇناسىۋىتىدە ئۆتكەنكى 30 يىلدا سەل ياخشىلىنىش بولدى، ئەمما بۇ خىزمەت بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچان...
09-05-2016
    خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitchنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئىپادىلىنىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدا قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە %15.7 كە يەتكەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پ...
09-05-2016
    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە جولان ئېگىزلىكىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ، دېگەن باياناتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، جولان ئېگىزلىكىنىڭ ئورنىنىڭ يەنىلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىد...
09-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى لېئوناردو دىكاپرونىڭ Instagramدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىراندىكى ئۇرمىيە كۆلىنىڭ كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا، ئىران غەربىي ئەزەربەيجان...
Powered by Leglek