جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىراق ئارمىيە تەرەپ 30-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى كونتىرول قىلىپ تۇرغان ئىراق بىلەن سۈرىيە چېگرىسىدىكى جائىم شەھەردىكى بىر ئۆيگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ئۆيگە يوشۇرۇنىۋالغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن قوراللىق خادىملىرىنى يوقاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 27-ئاۋغۇست ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئىككى گېنىرالىنى قەستلەش ۋەقەسىنى پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بەش كاتتىبېشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ كونكىرېت ۋاقتى ئاشكارىلانمىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved