كامبودژا فنوم پېن. ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئەخلەت مەيدانىدا تۇرۇپ، كونىراپ كەتكەن چاقلارنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدىغان بالا. ئۇ ھەر كۈنى يەرلىكتىكى خەيرى-ساخاۋەت ئورنىدىن ناشتىلىق ئالىدىكەن. ئىچىملىك قۇتىسى تېرىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن.
نېپال. بۇ بالا ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ قۇل بولغان. خورلاشقا ئۇچرىغاچقا، قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئاچىسى بىلەن بىللە تۇرغان. سېمونت يەرنىڭ ئۈستىدىكى سېلىنچا ئۇلارنىڭ كارۋىتى ئىكەن.
ئامېرىكا كېنتۇككى شىتاتى، سىرتتا ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرىدىغان، ھەمىشە دادىسى بىلەن ئورماقلىقتا يۈرىدىغان بۇ بالا، يەتتە ياش ۋاقتىدا ئۆزى ئىككى پاي چاچما ئوق بىلەن بىر بۇغىنى ئۆلتۈرگەن.
ئامېرىكا نىيويورۇك. بۇ بالىنىڭ دادىسى كىنو ئىشلەش شىركىتىنىڭ دېرىكتورى بولۇپ، ئاپىسى يازغۇچى ئىكەن. بۇ بالا سۈرلەنگەن گۆشنى ياقتۇرىدىكەن، ھەر ھەپتە ئاخىرى پىسا يېيەلەيدىكەن. چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاپېلېسىن قىيامى ياسىماقچى ئىكەن.
ياپونىيە توكيو. ھۇجرىنىڭ ئىچىدە لىق ئويۇنچۇق بولۇپ، توشقانچاق بىلەن قونچاقنىڭ ياقتۇرىدىكەن. كىيىم ئىشكابىدا لىق كىيىم بار ئىكەن. گۆشنى، ياڭيۇنى، بۆلجۈرگەن ۋە شاپتۇلنى ياقتۇرىدىكەن. چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر داڭلىق كارتون رەسىمى سىزغۇچى بولغۇسى بار ئىكەن.
بۇ بالا ئىسرائىلىيەلىكلەر ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، دىننىي تۈسى قويۇق، تېلېۋىزور كۆرەلمەيدىكەن، گېزىت ئوقۇيالمايدىكەن، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللانمايدىكەن. تۆت قېرىنداش بىر ھۇجرىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ماشىنا بار ئىكەن. چوڭ بولغاندا بىر يەھۇدىي دىنى تارقاتقۇچىسى بولماقچى ئىكەن.
نېپال كاتماندۇ. بىر ياللانما بالا، خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇرماقتا. ھەر كۈنى ئۆي ئىشى قىلىدىكەن. ھەر كۈنى سائەت 5:00 تە ئورنىدىن تۇرۇپ، كەچ سائەت 6:00 دا ئىشتىن چۈشىدىكەن. مۇشۇنداق ئىشلەپمۇ ئايدا بەش يۈز رۇپىيە تاپىدىكەن. (بۇ تەخمىنەن 20 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ بولىدىكەن.) ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
سىنگال، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە يەرلىكتىكى ئەغۇللار مەكتىپىنىڭ ياتىقىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى سائەت 6:00 دە ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ ئىشلەيدىكەن. چۈشتىن كېيىن «قۇرئان» ئۆگەنگىلى بارىدىكەن. بىكار بولغاندا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە توپ ئوينايدىكەن. چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولغۇسى بار ئىكەن.
ياپونىيە توكيو. بىر چېلىش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ئۈچ يېشىدىن باشلاپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغان. ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم چوڭ تاماق يېيىش ئارقىلىق تەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەككەن. ئاتا-ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن. چوڭ بولغاندىكى ئارزۇسى بىر تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى بولۇش ئىكەن.
ئامېرىكا يېڭى جېرسېي. ئۆزىگە تەۋە بولغان ھۇجرىسى بار، تەن ئېغىرلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بۇ بالا، ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقتىنى چىقىرىپ كىيىم تاللايدىكەن. نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ياقتۇرىدىكەن، تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ياقتۇرمايدىكەن. چوڭ بولغاندىن كېيىن داڭلىق كىيىم لايىھىلەش ئۇستىسى بولۇش ئارزۇسى بار ئىكەن.
ئامېرىكا نىيويورۇك. بۇ بالا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مانخاتتاندىكى قايناق كوچىلارنىڭ بىرىدىكى بىنادا تۇرىدىكەن. بىر قىممەت بولغان شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. بوش ۋاقىتلىرىدا توپ ئوينايدىكەن، مۇزىكا چالىدىكەن. چوڭ بولغاندا بىر ئادۋوكات بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
نېپال كاتماندۇ. بۇ بالا ئۈچ يېشىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تاش قېزىش مەيدانىدا تۇرۇپ كېلىۋاتماقتا. كۈندە 5~6 سائەت خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، يەنە تېخى ئۆي ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىكەن. باشقا قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە بىر كارۋاتتا قىستىشىپ ياتىدىكەن. چوڭ بولغاندا ئۇسسۇلچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
بىرازىلىيە ئامازون دەرياسى ئېقىنى. بۇ بالا يەرلىكتىكى قەبىلە بىلەن بىللە ئامازون دەرياسى ئويمانلىقىدا تۇرىدىكەن. بۇ قەبىلە ئۆزلىرى يەر تېرىپ، ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش ئارقىلىق جان باقىدىكەن.
بىرازىلىيە رىئو دې ژانېيرو. مەكتەپكە بارماي، كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بۇ بالا دەرەخ يېلىمىنىڭ پۇرىقىغا خۇمار بولغان بولۇپ، چوڭ كوچىدا ئۇخلايدىكەن.
بىرازىلىيە رىئو دې ژانېيرو. بۇ بالىنىڭ ئۆيى سېسىق نامى پۇر كەتكەن داڭلىق نامرات رايوندا بولۇپ، ئاچىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىكەن. چوڭ بولغاندىن كېيىن مودېل ياكى بالىلار دوختۇرى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
ئامېرىكا كېنتۇككى. بۇ بالىنىڭ ھۇجرىسىغا مۇسابىقىگە قاتنىشى ئېرىشكەن نەرسىلەر توشقان. ھەر كۈنى مۇئەللىمدىن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىكەن. چوڭ بولغاندا بىر تولغىما مۇزىكا چولپىنى بولماقچى ئىكەن.
رۇمىنىيەلىك بالا تالادىكى كارۋاتتا ياتقان. ئاتا-ئانىسى ماشىنا ئەينىكى سۈرتۈپ پۇل تاپىدىغان بولۇپ، ئۆزى بولسا كوچا بويلاپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن.
ئامېرىكا يېڭى جېرسېي. تەنھەرىكەتنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، توپ ئويناشنى ياقتۇرىدىكەن. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۆت ھۇجرىلىق ئۆيدە تۇرىدىكەن. چوڭ بولغاندا بىر كەسپىي قارتا شاھى بولغۇسى بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved