يېقىندا خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كانادالىق 19 ياشلىق ئايال ماھىر ئالېكساندرا بوتېزنىڭ سۈرىتى تورلاردا ئاشكارىلىنىپ ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان .
ئالېكساندرا بوتېز 1995–يىل كانادادا تۇغۇلغان . 6 يېشىدىن باشلاپ شاھمات ئۆگەنگەن . ئۇ ئىلگىرى ئۇدا بەش قېتىم كانادا ياش ئايرىمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە چىمپىيون بولغان . 2010–يىلىدىكى دۇنيا ياشلار–ئۆسمۈرلەر خەلقئارا شاھمات لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 16 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى بولغان .
ئالېكساندرا بوتېز 2012–يىلى ۋە 2014–يىلى ئىككى قېتىم كانادا كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ ، خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان .
ئالېكساندرا بوتېز 15 ياش ۋاقتىدا ئامېرىكا ياش ئايرىمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ چىمپىيون بولغان، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق چېمپىيونلۇق ئۇنى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۈتۈن سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن . لېكىن ئالېكساندرا بوتېز ئاخىرىدا سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىغان ، ئۇ ھازىر سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا شاھمات كوماندىسىنىڭ تۇنجى ئايال كوماندا باشلىقى .
ئالېكساندرا بوتېز مۇنداق دېدى: ‹‹ كىچىك ۋاقتىدا شاھمات ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىدە پايدىسى چوڭ. شاھمات ئوينىغاندا بالىلاردا ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ ، شۇنداقلا لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ››.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved