جۇڭگو ئاخبارات تورى 23-مارت تېلېگراممىسى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 22-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئىچكى كابېنت مىنىستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئانتون گېراشچېنكو ئالدىنقى كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچنىڭ كىچىك ئوغلى ۋىكتور يانۇكوۋىچ رۇسىيەدە تاسادىپىي قازا قىلغان. بىراق رۇسىيە تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى ئىنكار قىلغان.
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى خەۋىرىدە ۋىكتور يانۇكوۋىچ بايقال كۆلىنىڭ مۇز تۇتقان يۈزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا كۆلگە چۈشۈپ كەتتى، دېگەن، بىراق ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىمىگەن.
22-مارت رۇسىيە ‹‹يامغۇر›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانتون گېراشچېنكو ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە قازا قىلغان كىشى دەل ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى ۋە ئىركۇتسك ئۆلكىسى تارمىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بايقال كۆلىنىڭ مۇز ئاستىدىن بايقالغان بۇ ئاپتوموبىل ئىچىدە بىر شوپۇر ۋە بەش يولۇچى بولۇپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ۋىكتور داۋىدوف ئىسىملىك بىر موسكۋالىق بار ئىكەن، ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچنىڭ ئوغلى ۋىكتور يانۇكوۋىچ رۇسىيەدە باشقا ئىسم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىكەن.
بىراق رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى بۇ ئۇچۇرنى ئىنكار قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ‹‹قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە فامىلىسى يانۇكوۋىچ ئىسىملىك كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. بۇ ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلغان، يەنى بىر شوپۇر ۋە بەش يولۇچى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلىنىپ بولدى››.
ئۇكرائىنا پارلامېنتى 2014-يىلى 22-فېۋرال زۇڭتۇڭ يانۇكوۋىچنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان، 28-فېۋرال يانۇكوۋىچ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىقلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىدىن يانۇكوۋىچقا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بۇ يىل يانۋاردا يانۇكوۋىچقا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن ھازىرغىچىلىك يانۇكوۋىچنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved