شەندۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 4-فېۋرال مايمۇن يىللىق چاغانلىق كېچىلىكتىكى تۇنجى پاي ئوقنى ئاتتى. ليۇ شياۋلىڭتۇڭ سەھنىگە چىقىپ «ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ قايتىپ كېلىشى» دېگەن نومۇرنى ئورۇنداپ، 1986-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى ئامىتتا ۋە ئاۋالۇكسۇۋارا بۇدساتىۋامۇ سەھنىگە چىقىپ ئەينى ۋاقىتتىكى كىنونى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
57 ياشلىق ليۇ شياۋلىڭتۇڭ قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىپ ئەينى چاغدىكى ۋاقتىدىن پەرقلەنمىگۈدەك چەبدەسلىك بىلەن نومۇر ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى. گەرچە 1986-يىلى ئامىتتا ۋە ئاۋالۇكسۇۋارا بۇدساتىۋانىڭ رولىنى ئالغان ئارتېس جۇ لۇڭگۇاڭ ۋە زو دابىن ئىككەيلەننىڭ چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەينى چاغدىكى شۇ مېھرىبان سىماسى چاقناپ تۇراتتى. ليۇ شياۋلىڭتۇڭ ئۈچەيلەن بىرگە كېلىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، يانفونلىرىدا سۈرەتكە چۈشۈشتى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved