ۋېنشەن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . ھىندىستان خەلق پارتىيىسى ھىندىستاندىكى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە نۇرغۇن غەرب ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى تېلېگرامما يوللاپ تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مودىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلدى ھەم بىر-بىرى بىلەن بولغان ئورتاق مەنپەئەتىنى تەكىتلىدى.مودى ئەسلىدە ھىندىستان گۇجارات شتاتىنىڭ رەھبىرى ئىدى، 2002-يىلى بۇ شتاتتا دىنىي قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن، نۇرغۇن ئادەم ئاشۇ قالايمىقانچىلىقتا يارىلانغان ۋە قازا قىلغان، مودى بولسا بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى دەپ ئەيىبلىنىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان؛ 2005-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى سەۋەب قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا پارلامېنتى 2005-يىلى ھەتتا بىر قارار ماقۇللاپ، مودىنىڭ قالايمىقانچىلىقتا ئوينىغان رولىغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنى ئىرقچىلىقنى تەرغىب قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن.دىپلوماتىيە ئەربابلىرى مودى زۇڭلى بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ياپونىينى زىيارەت قىلىپ، مىللەتچىلىك ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتا ئۆز بىلەن بىر يولدىكى ئابى شېنزو بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.ئامېرىكا كارنىگ خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاشناف ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى شۇنى كۈچلۈك تونۇپ يەتتىكى، ئامېرىكىنىڭ مودى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ياكى مودى ھەققىدە ئازراقمۇ چۈشەنچىسى يوق، بۇ ئامېرىكىغا بەكلا پايدىسىز، شۇڭا بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا دېدى.
زۇڭلى لى كېچىياڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى نارانتىرا مودىغا تېلېگرامما يوللاپ ،ئۇنىڭ ھىندى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى . لى كېچىياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئۆز ئارا مۇھىم قوشنا دۆلەت ،شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت ،جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ دائىرىسىدىن ھالقىغان بۇلۇپ ،دۇنياۋى ۋە ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ،جۇڭگو باشتىن ئاخىرى جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى دېپلوماتىيەنى ئالغا سۈرىدىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ كەلدى ،يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ،ئىككى دۆلەت تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەمدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان ،ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغان ،بىر بىرىگە دەخلى قىلماي بىللە تۇرۇش پرىنسىپىنى تېپىپ چىقتى ،.
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوخشاشلا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ،خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت تارىخى ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى ئىچكى جەھەتتىن تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش تاشقى جەھەتتە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز ،جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ بىرلىكتە تىنىچ تەرەققىي قىلىپ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ،ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئازدۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق ›.
ھىندىستاننىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش مىنىستىرى مودى 26-ماي يېڭى دېھلىدا رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇخىرجى مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مودى قەسەم بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت يېڭى كابىنتىنىڭ 40 تىن كۆپرەك مىنىستىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئارقا ئارقىدىن قەسەم بەردى.بۇ يىل 4-، 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھىندىستان خەلق پالاتاسى يەنى تۆۋەن پالاتاسى سايلىمىدا مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيىسى ئالاھىدە ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلىپ،30 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھىندىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن پارتىيىگە ئايلاندى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved