ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 20-ئاپرېلىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ، دوختۇر بىر بىمارنىڭ ئاشقازىنىدىن 33 گىرام ئېغىرلىقىدىكى 12 تال چوكا ئالتۇننى (تەخمىنەن 145 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى ) ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغان .
63 ياشلىق بۇ سودىگەر دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ، ئېھتىياتسىزلىقتىن بوتۇلكا ئېغىزى يۇتۇۋالغانلىقىدىن ئاشقازىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقى ئېيتىقان ھەمدە ئوپېراتسىيە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان . دوختۇر ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ، ئاشقازىنىدىن بوتۇلكا ئېغىزى ئەمەس بەلكى 12 تال چوكا ئالتۇننى بايقىغان . نۆۋەتتە ، تاموژنا خادىملىرى تەكشۈرۈشكە ئارلىشىپ ، ئۇنى سوراققا تارتقان ، ھەمدە ئالتۇنلارنى مۇسادىرە قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، ھىندىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ ، يېقىنقى نەچچە يىللاردىن بۇيان ئالتۇن ئەتكەسچىلىكى كۈنسېرى ئەشەددىيلەشكەن ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ، بىر يۈرۈش قاتتىق بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved