ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قوزغىغان «چېگرانى قوغداش ھەرىكىتى» 15-ئىيۇل 8-كۈنىگە قەدەم قويدى. پەلەستىننىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 14-ئىيۇل كەچكىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىدە 185 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 1385 ئادەم يارىلانغان.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن توقۇنۇش كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:
1-مەسىلە-ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز بۇنداق چوڭ ھەرىكەت قوللىنىدۇ؟ ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئۈچ يەھۇدىي ياشنى ئۆلتۈردى دەپ بېكىتتى، بىر پەلەستىنلىك ئۆسمۈر ئارقىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلدى، بۇ-بۇ قېتىمقى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ بىۋاسىتە ئوت پىلتىسى بولۇپ قالدى.
لېكىن ئوتتۇرا شەرقتىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىكى خاماسقا قايتا زەربە بېرىشتە مۇنداق ئىككى جەھەتنى ئويلاشتى: ئالدى بىلەن، غەززە رايونىغا تۇتىشىدىغان مىسىرنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىدى، خاماس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن نۇرغۇن قورال-ياراغ كىرگۈزدى، بۇ-ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى. ئىككىنچىدىن، خاماس بىلەن پەلەستىندىكى يەنە بىر مۇھىم گۇرۇھ بولغان پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخنىڭ يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى ھەم بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىشى ئارقىسىدا، ئىتتىپاقلاشقان پەلەستىن ئىسرائىلىيەگە پايدىسىز ئامىل شەكىللەندۈردى. خاماسقا زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە پەلەستىننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
2-مەسىلە-ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى غەززە رايونىغا كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىرەمدۇ-يوق؟ ئىسرائىلىيەنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇمىنى قوزغاش-قوزغىماسلىقى-ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىماننىڭ ئۈنۈمىگە بولغان ھۆكۈمىگە باغلىق. ئەگەر ئىسرائىلىيە بومباردىمان ئارقىلىق، خاماسنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىنى توسالمىسا، ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ كىرىزىس تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئاشىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەگەر خاماس ھەددىدىن زىيادە ھۇجۇم قىلسا، غەززە رايونىدا تېخىمۇ كۆپ ئەسەبىي قوراللىق گۇرۇھلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، بۇ-ئىسرائىلىيە يەر يۈزى ھۇجۇمى قوزغاشتىن بۇرۇن ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئامىل. بۇندىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەگەر غەززە رايونىغا بېسىپ كىرسە، بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، بۇ-ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
3-مەسىلە-ئىككى تەرەپتىن بولغان ئۆلۈم-يېتىم زادى قانچىلىك؟ پەلەستىننىڭ ھۇجۇمىدا بىر قىسىم ئىسرائىلىيەلىكلەر يارىلاندى، لېكىن قازا قىلغانلار بولمىدى. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم پەلەستىن تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. «چېگرانى قوغداش ھەرىكىتى» باشلانغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا 900 توننىغا يېقىن بومبا تاشلىدى، بۇ-«مۇداپىئە تۈۋرۈكى» ھەرىكىتىدىكى بومبىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق غەززەگە قوزغىغان ھۇجۇمى 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2009-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان «قوغۇشۇن قۇيۇش ھەرىكىتى» ۋە 2012-يىلى 11-ئايدىكى «مۇداپىئە تۈۋرۈكى» ھەرىكىتى بولۇپ، ئالدىنقىسى 22 كۈن، كېيىنكىسى سەككىز كۈن داۋاملاشقان. «قوغۇشۇن قۇيۇش ھەرىكىتى»دە مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلغان، ئىسرائىلىيە بىر ئوتدىلنىيە ئەسكەر چىقىم تارتقان. «مۇداپىئە تۈۋرۈكى» ھەرىكىتىدە 200 چە پەلەستىنلىك ۋە ئالتە ئىسرائىلىيەلىك قازا قىلغان.
4-مەسىلە-ئىسرائىلىيە مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ-يوق؟ ئىسرائىلىيە ئەزەلدىن دۆلەت زېمىنى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قاراپ كەلگەن. بىخەتەرلىك تەھدىتى ئالدىدا، ئىسرائىلىيە ئەزەلدىن تەپمۇ-تەڭ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىمىغان، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ قانچىلىك چوڭ بەدەل تۆلىشىگە قارىماي، نەچچە ھەسسە ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۆچ ئالغان.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھەربىي ئەمەلىي كۈچنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى خاماس قوراللىق كۈچلىرىنى توسۇش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پەلەستىن تەرەپتىن نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلدى. پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆچمەنلىك بىلەن ئۇرۇشۇشى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىمەسلىك، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قورال كۈچىگە تايىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىگە ئۈزۈل-كېسىل يېتەلمەيدۇ.
5-مەسىلە: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ-يوق؟ ئىككى تەرەپتە ھازىرغىچە ئۇرۇش توختىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى، تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى توقۇنۇش خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋاملىشىدۇ دەپ پەرەز قىلدى. خاماس غەززەگە بولغان قامالنى بىكار قىلىش، ئىسرائىلىيە تۇتۇۋالغان پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش توختىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 13-ئىيۇلدىكى كابېنت يىغىنىدا، بىز خاماسقا بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىمىز. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىگە بولغان ھەربىي زەربىنى توختىتىپ قويمايمىز دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved