جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: دۆلەتنىڭ 2020- يىلدىن ئىلگىرىكى دۆلەت ھەربىي ئەسلىھە پىلانى مۇقىم قەدەمدە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، رۇسىيە 2020- يىلدىن ئىلگىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سۈرئىتىنى ئەسلىدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى.
روگوزىن تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى دۆلەت مۇادپىئە ئەسلىھەلىرى پىلان لايىھەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تولۇق كونترول قىلىۋاتىدۇ ھەمدە 2020- يىلدىن ئىلگىرى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىنى ئورۇنداپ بولۇشنى پىلانلىدى. ئۇ رۇسىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت تارماقلىرىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق دەۋرىدە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى جەھەتتە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ چىرىكلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان خامچوت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قىلچە تەخىر قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved