خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «تايمىس يەكشەنبىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە تەرەپ 2015-يىلى شاھزادە ۋىلىيام ئەر-ئايالنى جۇڭگوغا ئەۋەتمەكچى بولغان. ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيازەت شاھزادە ۋىلىيامنىڭ ھاۋادا قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى مەشىق ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شاھزادە ۋىلىيام ئەر-ئايال ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيەگە قىلغان زىيارىتىنى تولۇق غەلىبىلىك تاماملىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شاھزادە ۋىلىيام ئەر-ئايال ۋە كىچىك شاھزادە جورجىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved