رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 10-نويابىر بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان ھەمكارلىق شېرىكى، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ھىساۋاتىدا تېخىمۇ كۆپرەك ئۆز پۇلىنى ئىشلىتىشنى خالايدۇ.
پۇتىن 2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت رۇبلى ۋە خەلق پۇلى بىلەن بىۋاستە سودا قىلىشنى قىسمەن باشلىدى.
رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى يېقىندا جۇڭگو بىلەن تۇنجى قېتىم رۇبلى ئارقىلىق راسچوت قىلىشنى سىناق تەرىقىسىدە قوللاندى، پۇتتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە رۇسىيە ئېنېرگىيە ۋە باشقا سودا ھىساۋاتىدا ئۆز پۇلىنى پائال ئىشلىتىدۇ. پۇتتىن مۇنداق دېدى: رۇبلىنى ئىشلىتىشنىڭ ئۆز ئۈستۈنلۈكى بار، رۇسىيەمۇ مەبلەغ ئوبوروتىغا چەكلىمە قويمايدۇ. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى تەدبىر قوللىنىپ ھايانكەشلىك قىلىشنى ئازايتتى. ئۇزاق مۇدەتتىن قارىغاندا، خەلق پۇلى ۋە رۇبلى ئارقىلىق راسچوت قىلىشنىڭ ئىستىقبالى زور.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved