تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، بالىلار كۈندە پايدىلىق باكتېرىيەلىك قېتىق ياكى ئىچىملىك ئىچسە .زۇكام ۋە يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن.تەتقىقاتچىلار 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان 57بالىغا كۈندە ئايرىم ئايرىم ھالدا تەڭ مىقداردىكى پايدىلىق باكتېرىيە تابلېتى ۋە بەزلەش دورىسى ئىچكۈزگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پايدىلىق باكتېرىيە تابلېتى ئىچكەن بالىلارنىڭ زۇكامداش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم تۆۋەنلىگەنلىكى، چۈشكۈرۈش ۋاقتىنىڭ 76 پىرسەنت ئازايغانلىقى، يۆتىلىش ۋاقتىنىڭمۇ يېرىمى قىسقارغانلىقى بايقالغان. بۇ پايدىلىق باكتېرىيەنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدىغانلىقى، ئاغرىق ھالەتتە بولسىمۇ ئاغرىقىنىڭ يېنىكلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
كىچىك بالىلار ئوڭايلا يۆتەل ۋە زۇكامغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلاردا نۇرغۇن باكتېرىيەلەرگە نىسبەتەن ئىممۇنىتېتنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىدە.
ئادەتتە بالىلار بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 8 قېتىم زۇكامدايدۇ، ئادەتتە 5 كۈندىن 8 كۈنگىچە ساقىيىدۇ. \"ياۋروپا كلىنىكا ئوزۇقشۇناسلىقى\" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا دائىم پايدىلىق باكتېرىيە ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قېتىم سانىنىڭ ئازىيىدىغانلىقى، ئانتى بىئوتىك رېتسىپلىق دورىلارنىڭمۇ ئاز بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.تەتقىقاتچىلار مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ھەر كۈنى پايدىلىق باكتېرىيەلىك قېتىق ياكى ئىچىملىك ئىچىش زۇكام ۋە يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق دەپ قارىدى. ئەمما يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خۇلاسىگە گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر زۇكام بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بىر ھالقا، پايدىلىق باكتېرىيە ئىچكەندىمۇ بالىلارنىڭ زۇكامدىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ دەپ قارىماقتا.زۇكام بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك . بەزى بالىلار قايتا - قايتا زۇكام بولىدۇ . زۇكام بولغاندا بۇرۇن ، يۇتقۇنچاق قىسىملىرى ياللۇغلىنىدۇ . شۇڭا ، زۇكام يۇقۇرى نەپەس يوللىرى يۇقۇملۇنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ . زۇكام كۆرنۈشتە ئاددىي كېسەلدەك بىلىنسىمۇ ، لىكىن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە يەتكۈزىدىغان تەسىرى چوڭ . بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا ، زۇكام بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ ، زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ . يېشى چوڭراق بالىلار زۇكام بولسا كېسەللىك ئالامەتلىرى يەڭگىل ، ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئاز بولىدۇ . يىغىنچاقلىغاندا ، بالىلارنىڭ زۇكام بولىشى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved