مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىب 20-ئاۋغۇست كەچتە كۇئالالومپۇردا مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇقلار سودا جەمئىيىتى جۇڭخۇا باش سودا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا: مالايسىيا جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى كېرەك دېدى.
نەجىب مۇنداق دېدى: بۇ يىل مالايسىيا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بۇ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مالايسىيا بىلەن جۇڭگو ئىشەنچلىك ياخشى دوست، ياخشى شېرىكلەر، 1974-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت كەلگۈسىدە تېخىمۇ قويۇق بولىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved