ب د ت: يەرمۇكتىكى مۇساپىرلارنى قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

يەرشارى خەۋەر تورى 5-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەسەبى تەشكىلات ئ‍ىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ISIS زور مىقداردا كونترول قىلىۋالغان ۋە تۇقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم ۋە خىزمەتلەر ئورنى باياناتچىسى Chris Gunness، ISIS تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنىپ زور مىقداردا ئىگىلىۋېلىنغان يەرمۇك مۇساپىلار لاگېرىدىكى 94 نەپەر كىشىنىڭ لاگېردىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە زۆرۈر بولغان ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. Gunness لاگېردىن ئايرىلغان كىشىلەر ئارىىسدا 43 ئايال ۋە 42 بالا بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
Gunness مۇنداق دېدى؛ «بۈگۈن ئەتتىگەن لاگېردىن بىر قىسم كىشىلەر ئايرىلىپ چىقتى، ھەر قايسى تەرەپلەرنى لاگېردىكى باشقا كىشىلەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.
سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنى، يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە لاگېردىن يۈزلىگەن كىشىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئېيتىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى يەرمۇكقا ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى سادىر بولمىغان.
يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرى سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ كۆپ بەدىلىنى ئۆتىگەن ئورۇنلارنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن بۇرۇن لاگېردا 160 مىڭ كىشى بار بولۇپ لاگېردا ھازىر بولسا 18 مىڭ كىشى ياشاۋاتىدۇ.
2012-يىلى دىكابىردىن كېيىن بىر قىسىم سۇرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ لاگېرغا ئورۇنلىشىشى بىلەن لاگېرغىمۇ ئۇرۇش ئۇچقۇنى چاچرىدى. ئەسەد ھۆكۈمىتى «تېرورىزىمغا قارشى كۈرەش» نامىدا لاگېرغا پات-پات ھۇجۇم قىلىدۇ. 2013-يىلى ئىيۇلدا باشلانغان ئېغىر قورشاش سەۋەبىدىن لاگېردا 200 دىن كۆپ كىشى ئاچارچىلىقتىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.



05-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek