بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى بۇيىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزاتىنى ئېلان قىلدى، مىسسى، رونالدو ۋە نېيمار بۇيىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن «تىركىشىدۇ».
كىرىستىيانو رونالدو ھازىرغىچە 3 قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەشلىدە رونالدو 46 توپ كىرگۈزۈپ ئىسپانىيە ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ياۋروپا سەھنىسىدىمۇ رونالدو ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، لېكىن تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، ئۇ بۇ مۇكاپاتنى مىسسى ۋە نېيمار بىلەن بىرلىكتە ئالغان. دۆلەت كوماندىسى تەرەپتىنمۇ رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتىگالىيە يېقىندىلا كېلەركى يىلدىكى فرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىشىك بىلىتىگە ئېرىشتى.
مىسسى ھازىرغىچە 4 قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە 43 توپ ئۇرۇپ بارسىلونانى ئىسپانىيە چېمپىيونى قىلغان، ياۋروپا سەھنىسىدىمۇ 10 توپ ئۇرۇپ رونالدو بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۆلەت كوماندىسى تەرەپتىن ئۇ باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن چېمپىيون بولالمىغان.
نېيمار بولسا ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان توپچى، ئۇ بارسىلونادا ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلىدى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ 51 مەيدان مۇسابىقىدە 39 توپ كىرگۈزدى، ئۇ مىسسىغا ئوخشاش بارسىلونانىڭ ئىسپانىيە ۋە ياۋروپادا چېمپىيون بولۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق كىشى، تەكىتلەشكە تىگىشلىكى ئۇ ئەمدىلا 23 ياش، دۆلەت كوماندىسى تەرەپتىنمۇ ئۇ ئاللىبۇرۇن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ بولغان.
![]() |
پورتۇگالىيەلىك چولپان رونالدو يېقىندا ئالاقە تورىغا ئوغلى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى يوللىغان، سۈرەتتىن بۇ ئاتا بالىنىڭ بىر بىرىگە قانچىلىك ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved