ئۇكرائىنا كىرزىسى شۇنداقلا ئامېرىكا رۇسىيە مۇناسىۋىتى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساكى 29-يانۋار مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆتكەن بىر ھەپتە رۇسىيە قوللىغان بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا چېگرىلىنىدىغان رايوندا زوراۋانلىق قۇراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، ئامېرىكا رۇسىيە قوللىغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىش پائالىيىتىنى دەرھال توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، بولمىسا، ئامېرىكا بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇساكى يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالاشنى ئۇزارتقانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نەچچە قېتىملىق جازالاشتا ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭدى.


شۈ كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچېف رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋىتى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشقا ئايلىنىشى، يەنى ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.


ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۇكرائىنا كىرزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش- يېڭى بىر يىلدىكى ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور تېمىسى.


يېقىنقى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باش تېما قىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان بىر قانچە مۇھىم شەخسلەرنىڭ ھەممىسى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلدى. سابىق زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى بىرزىنىسكى مۇنداق دېدى: پۇتىن ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت- سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇكرائىنانىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بۇ ئارقىلىق ياۋروپاغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش. سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالبىرايىت ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە ئۇكرائىناغا قۇراللىق ياردەم بېرىشنى قوللىدى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شۇرىسمۇ: رۇسىيەنىڭ ئەتراپىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىغا تايىنىشتىن قۇتۇلىشى كېرەك، دېدى.

 

 

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نىيىۋلەندمۇ مۇنداق دېدى: شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دەرھال شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىدىكى ئالتە ئالدىنقى سەپتىكى دۆلەتلەردە قوماندانلىق شىتابى ۋە قوماندانلىق مەركىزى تەسس قىلىشى كېرەك.


ئەمما سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئويلىشىشى، ئاندىن يەنە مۇۋاپىق ۋاسىتىنى تاللاپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، ھەربىي ۋاستە ئويلىنىش دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك، ئەمما نوقۇل ھەربىي ۋاستە بىلەنلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قېيىن.


بىرزىنىسكىمۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا توقۇنۇشىنىڭ رۇسىيەنىڭ دۇنيا بىلەن قارىشلىشىشىغا ئۆزگىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ نۇقتا ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ئوتتۇرا شەرقتە ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى توسۇش-ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.


ئۆتكەن بىر يىلدا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى- ناھايىتى كۆپ تاراتقۇلاردا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى دەپ تەسۋىرلەندى، ئەمما ئامېرىكا ۋىليام مارى ئىنستىتۇتى بىلەن «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ 28-يانۋار ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، تەكشۈرۈلگەن يەر شارىدىكى 4187 خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى ئىچىدىن %38 ئالىم: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە كەلگۈسى 10 يىلدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە كىرىدۇ ياكى توقۇنۇش بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ نىسبەت ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا گاللوپ ئېلان قىلغان %50تىن بەلگىلىك تۆۋەنلىگەن.


بىرزىنىسكى ئېيتقاندەك، ئامېرىكا خەلقئارا مەسىلىلەردە رۇسىيەنى پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇرۇشقا ئامالسىز. ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى بىسساما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى سىناۋاتىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا ئەپچىل ئەمەلىي كۈچ ئامېرىكىنىڭ ئۆزگىچە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە خامچوتنى قىسقارتىش قاتارلىق ئەمەلىي ئامىللارنىڭ چەكلىشىگە ئۇچراپ، كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتكە يېتەلمەيۋاتىدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
01-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
   ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6- قانىلىدا بۇلتۇر 11-ئايدا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق دېلوسىدىكى بىر نەپەر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغۇچىنىڭ بومبىن...
27-04-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوكىيا ئالاقە تورى ساغلاملىق ئىنقىلابىدىكى ئاۋانگارت ۋە ئالدىدا ماڭغۇچى Withings نى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 170 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 190 مىليون ...
27-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 16 ياشلىق قىز ساۋاقدىشى بىلەن «يىگىت تالىشىپ» مەكتەپداشلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان، ئاخىرىدا ھاجەتخانىدا كۆپ ئادەمدىن تاياق يەپ جېنىدىن ئايرىلغان. ...
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەدە 53 ياشلىق يۈك ماشىنىسى شوپۇرى 10 ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ھامىلدار قىلىپ قويغانلىقتىن قولغا ئېلىندى، ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرم...
27-04-2016
 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى: 2015-يىلى 11-ئايدا فىرانسىيە پارىژدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 130 ئادەم قازا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تۇنجى قېتىم ۋېدىئو...
27-04-2016
    تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 26-ئاپرېل ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە خەلقئارا تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن ھەمدە دەرۋازىسىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىپ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەردو...
27-04-2016
     ئوباما : پۇتىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى...... پۇتىندەك بۇنداق ئادەملەر ياۋروپادىكى كىچىككىنە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى پارچىلىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25- ئاپرېل پۇتىنن...
27-04-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ 25- ئاپرېل ئاشكارلىشىچە، يەمەندىكى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قوراللىقلار بىلەن كۆپ دۆلەت قىسىمى يېقىندا بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ھەزەرموت ئۆل...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوننېكتىكات شتاتى، مارىلاند شتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى ۋە  رودې ئارىلى شىتاتىدا دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق زۇڭتۇڭ سايل...
Powered by Leglek