جاھان ئاگېنتلىقى 5-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىك پرېزىدېنتى بىراك ئوباما، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان باش شىتاب باشلىقى گېنىرال مارتىن دىمپسىينىڭ ئورنىغا دېڭىز پىيادە قىىسىملار قۇماندانى گېنىرال جوسىف دانفوردنى نامزات قىلىپ كۆرسەتتى. ئوباما ئاقسارايدا مۇئاۋىن پرېزىدېنت بىدىن، مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون ۋە گېنىرال جوسىف دانفورد بىلەن بىرگە بايانات ئېلان قىلدى. ئوباما، باش شىتاب باشلىقى مارتىن بىلەن ياردەمچىىسى جامىس ۋىنىفېلدنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ بۇ يىل ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسىلىتىپ، دىمىپسىي ۋە ۋىنىفېلدنىڭ ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئوباما باش شىتاب باشلىقى دىمىپسىينىڭ ئورنىغا دانفوردنى، يادەمچىلىك ئورنىغا ھاۋا ئارمىيىسى قۇماندانلىقىدىن گېنىرال پاۋۇل سىلۋانى نامزات قىلىپ كۆرسىتىپ، دانفورد ۋە سىلۋانىڭ ئارمىيە ئىچىدە «ئەڭ كۆپ تەقدىرلەنگەن رەھبەرلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما، دانفوردنى ئارمىيەدە ئەڭ ياخشى ئىستراتىگىيە پىلانلىغۇچى رەھبەرلەردىن بىرى دەپ قاراپ، دانفوردنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما كىڭەش پالاتتاسىدا دانفورد ۋە سىلۋانىڭ نامزاتلىقىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ماقۇللىنىشقا چاقىرىق قىلدى. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئوبامانىڭ قاراردىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى، دانفورد ۋە سىلۋانىڭ «ئۈلگىلىك رەھبەرلەر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved