كۇنمىڭ ۋوگزالى 1-مارت دېلوسى ھەققىدە 2-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 31-ئۆكتەبىر 2-سوتتا كۇنمىڭ ۋوگزالىدىكى 1-مارت ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىغا ئاشكارا سوت ئاچتى ھەمدە نەق مەيداندا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ھۈسەن مەمەتنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان ئەرزىنى قايتۇرۇۋەتتى، 1-سوتتىكى ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توخنىياز، ھۈسەن مەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەمدە پاتىگۈل توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى.


يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرىغا ئەرز سۇنغۇچى ھۈسەن مەمەت بىلەن ئەسلى سوتلانغان جاۋابكار ئىسكەندەر ئەھەت باشقىلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتقا كىرىشكە تەكلىپ قىلغان ۋە ئادەم توپلىغان، ئەسلى جاۋابكار تۇرغۇن توخنىياز تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى نەق پۇل بىلەن تەمىنلىگەن، ئۈچ كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتتا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش رولىنى ئوينىغان ھەمدە كۇنمىڭ ۋوگزالىدىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى بىرلىكتە پىلانلىغان، ئۈچ كىشى تېررورلۇق تەشكىلات ھەمدە بۇ تەشكىلاتنى تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىشقا ئائىت بارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئەسلى جاۋابكار پاتىگۈل توختى تېررورلۇق تەشكىلاتقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان ھەمدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئۆزى قاتناشقان بارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچى ھۈسەن مەمەتنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشمىغانلىقى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى يۇقىرىغا قىلغان ئەرزنىڭ سەۋەبلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت ھەمدە قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. كۇنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەتنىڭ تېررورلۇققا تەشكىلاتنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايى، جاۋابكار پاتىگۈل توختىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتنىشىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بارلىقىغا ئائىت پاكىتلار ئېنىق، توغرا، تولۇق، شۇڭا بۇلارغا چىقىرىلغان ھۆكۈم توغرا، بېرىلگەن جازا مۇۋاپىق، سوت تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن دەپ جەزملەشتۈردى.

جاۋابكار پاتىگۈل توختى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقۇچى، ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى يولغا قويغۇچى، ئۇنىڭ جىنايىتى ئېغىر، لېكىن ئۇ دېلو سادىر قىلغاندا ئىككى قات، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 49-ماددىسى 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سوت قىلغاندا ئىككى قات ئاياللارغا قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ.
ئۇندىن باشقا يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ ئەرزىنى قايتۇرۇپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.



خەتكۈچلەر:
02-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek