ھېسسىيات ئالاقىسىدە، روھىي جەھەتتىكى خورلۇق جىسمانىي خورلۇققا قارىغاندا ئاياللارنى بەكرەك ئازابلايدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك: 1. سىزدىن كېچە-كۈندۈز ئايرىلماسلىق. بۇ ئاڭلىماققا ئىنتايىن قالتىستەك تۇيۇلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئېرىڭىزنىڭ ئۆز قىزىقىشى ۋە دوستلىرى بىلەنمۇ كارى بولماي دائىم ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇشى مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ يامانلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە تەۋە ۋاقىتنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق سىزنى كونترول قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە رېژىسسۇرلۇق قىلىش. ئۇ دوستلىرىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىقىشىڭىزنى توسسا، يېگەن-ئىچكىنىڭىزگە، كىيىنىشلىرىڭىزگە ئارىلىشىۋالسا بۇ خورلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
3. ئەركىنلىكىڭىزنى چەكلەش. قەيەرگە بېرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشىڭىز زۆرۈر بولسا، نېمە قىلىشىڭىز، كىم بىلەن قىلىشىڭىز قاتارلىقلارغا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئارىلىشىۋالىدۇ. ئەگەر بىرەر ئىشنى يوشۇرغىنىڭىزنى بىلىپلا قالسا ئىنتايىن خاپا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن چارچايسىز.
4. سوغۇق مۇئامىلە ئارقىلىق سىزنى جازالاش. ھېسسىيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەرلەر ئادەتتە يانفۇن ئۇچۇرىڭىزغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمايدۇ، نېمە سەۋەبتىن ئاچچىقلانغانلىقىنىمۇ دېمەيدۇ، بۇ ئارقىلىق سىزنى جازالىماقچى بولىدۇ.
5. ئەيىبلەپ ھېسسىياتىڭىزغا زەربە بېرىش.«دۆت»، «پور»، «سەت» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سىزنى ھاقارەتلەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ سىزنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
6. مەلۇم نەرسىلەرگە خۇمار بولۇش. سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلاشقا كۆنۈك ئەرلەر مەلۇم نەرسىگە ئۆزىنى زورلاپ خۇمار بولىدۇ.
7. قورقۇنچ ھېسسىياتى پەيدا قىلىش. ئەگەر بىر ئەر سىزگە تەھدىت سېلىش ياكى ھەيۋە كۆرسىتىش ئارقىلىق قورقۇنچ ھېسسىياتى پەيدا قىلسا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلاۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
8. ئابرۇيىڭىزنى چۈشۈرمەكچى بولۇش. كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ ئابرۇيىڭىزنى قوغدايدۇ. ھىسسيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەرلەر سىزدىن خالىغانچە گۇمانلىنىش ئارقىلىق ئابرۇيىڭىزنى چۈشۈرىدۇ.
9. سىزگە بۇيۇم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش. سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەر سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «بىزنىڭ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغان شەخسىيەتچىلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved