سۇمۇرغ پەن-تېخنىكىسى 1-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سامسۇڭ ئېلېكتىرونى بۈگۈن Dongjin Koh نى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنىڭ باش درېكتورلىقىغا تەيىنلەپ، J.K.Shin نىڭ بىر قىسىم خىزمەتلىرىنى ئۆتكۈزىۋالغان. J.K.Shin ئەمدى سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ بىرلەشمە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ، يەنىلا پۈتۈن كۆچمە ئالاقە كەسپىنى ئاساسلىق باشقۇرىدىكەن. ئۇ پەقەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كەسىپ ستراتېگىيەسى ۋە يېڭى كەسىپ ئېچىشقا مەسئۇل بولىدىكەن. Dongjin Koh بۇندىن بۇرۇن سامسۇڭ كۆچمە ئالاقە تەتقىق قىلىپ ئېچىش كەسپىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك Galaxy S6 ۋە Note 5 يانفونلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئېلان قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان.
سامسۇڭ يانفون كەسپىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ تەڭشىلىشى ئاساسلىقى سامسۇڭنىڭ چەتئەلدىكى بازار ئۈلۈشى ۋە پايدىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن ئىكەن. ئالىي دەرىجىلىك يانفون بازىرىدا، سامسۇڭنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئالما يەپ كەتكەن بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك يانفون بازىرىدا خۇاۋېي ۋە شياۋمى بىلەن كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كەلگەن. يانفون كەسپىنىڭ پايدىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، سامسۇڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەڭشەپ، يېڭىچە لايىھەلەرنى ئېلان قىلىپ، ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ، سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ھالبۇكى، يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭنىڭ ئۈچىنچى پەسىلدە پۈتۈن يەر شارى بازىرىدىكى ئۈلۈشى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن.
سامسۇڭ تۈنۈگۈنلا ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇللارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغا بولۇپ، بۈگۈن سىرتقا ئېلان قىلغان. بۇ قېتىمقى تەڭشەش سامسۇڭنىڭ ئادىتى بولۇپ، سامسۇڭ ھەر يىلى ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇللارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىدىكەن.
بۇيىل سامسۇڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇللارنى ئۆستۈرۈش نىسبىتى ئۆتكەن يىللاردىكىدەك چوڭ بولمىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كارخانىنىڭ تەرەققىياتنىڭ مۇقىم بولمىغانلىقىدىن ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، سامسۇڭنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا %25 ئازىيىشى مۇمكىن ئىكەن. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سامسۇڭ 9 نەپەر باش دىرېكتورنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى پەقەت ئۈچنىلا ئۆستۈرگەن. 2008-يىلى، سامسۇڭ 247 نەپەر يېڭى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنى ئۆستۈرگەن، 2009-يىلى 490 نى، 2010-يىلى ۋە 2011-يىلى 501 نى ئۆستۈرگەن. 2012-يىلى، 2013-يىلى ۋە 2014-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 485 نەپەر، 475 نەپەر ۋە 353 نەپەرنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن. بۇ يىللىق ئۆستۈرۈشتە، سامسۇڭ ئايال باشقۇرغۇچىلارنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا، سامسۇڭ يەنە كەسىپنى قايتا تەشكىللەش لايىھەسىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، سامسۇڭ تېلېۋىزور كەسپى ۋە كۆچمە ئالاقە كەسپىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ بىر نەپەر بىرلەشمە باش ئىجرائىيە مۇدىرى بىۋاستە باشقۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، رىقابەتكە تېخىمۇ تېز تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سامسۇڭ ئېلېكتىرونى يەنە باتارېيە ۋە زاپچاس كەسپىگە ئوخشاش بىر قىسىم كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved