يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي يەتتە كۈندىن كېيىن دوختۇرلار ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رافائىل يەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن ئۇنىڭ ئەھۋالىدوختۇرخانىدا بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتكەن. ئۇنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، رافائىلنىڭ مېڭىسى ئېغىر زەخمىنلەنگەن.
ئالتە سائەتلىك مېڭە ئۆلۈشنى بېكىتىش باسقۇچىدىن كېيىن دوختۇرخانا تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ: «ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە تەپتىش تەرەپ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىشقا قوشۇلدى، كېيىنكى تەرتىپتە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىشقا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلىدۇ» دېدى. بۇنىڭدىن باشقا ساقچى تەرەپ بۇ تىياتىرخانىنىڭ بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرگەن. ئەسلىدە رافائىل رول ئالغان تىياتىردا ئۇنىڭغا ئوق تىگىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ تىياتىرنىڭ سەنئەت نازارەتچىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رافائىل ئۆزى سىنارىيەنى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە بۇنى باشقىلارغا دېمىگەن. سەھنىدە ئۇ ئەسلىدە بېشىنى ئارغامچىغا تىقىپ بىر ساندۇقنىڭ ئۈستىدە تۇراتتىكەنتۇق، لېكىن ئۇ ۋاقىتتا ساندۇق ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلگەن. بۇنى تاماشىبىنلار ئارىسىدىكى تىبابەتنى ئوقۇغان بىرەيلەن بايقىغاندىن كېيىن ئاندىن جىددىي قۇتقۇزۇش چاقىرىلغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved