مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ

ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار دائىم ئاغزىغا ئالىدىغان بىر نەچچە سۆزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:

“مەرھەمەت”

مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى،ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سوز بولسا”مەرھەممەت”ئىكەن.باشقىلار تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ياكى ياردەمگە ئېھتىياج بولغاندا،ئۇلار”مەرھەمەت”سۆزىنى دەيدىكەن،”مەرھەمەت" سۆزىنى دېگىنىڭىزدە بولسا باشقىلار سىزنىڭ ئەدەپلىك ئىكەنلىكىڭىزگە دىققەت قىلىدىكەن.

“رەھمەت”

مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن،بىز دائىم “رەھمەت" سۆزىنى دەيمىز،ئۇلار ھەر كۈنى رەھمەت ئېيتقۇچى كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىكەن.

“مەن ھازىرلا بۇ ئىشنى قىلىمەن”

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەرىكەتنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى بىلگەچكە،باشقىلارنى ساقلاپ ئولتۇرماي،نېمە ئىش كېرەكلىكىنى بىلىدىكەن.

“سىز ئەڭ ياخشىسى”

كىشىلەر سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزنى ياكى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېسىدە ساقلىيالمىسىمۇ،ئەمما سىز مەڭگۈ ئۇلارنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى ئەستە ساقلىشىڭىز لازىم.بىز بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇنى كىشىلەرگە ئېيتىشىمىز،ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن قولىدىن ئىش كېلىدىغىنىنى دەپ قويۇشىمىز كېرەك،ئۇلار بىزنى ئەستە ساقلىيالىسا بىزنىڭ كەيپىياتىمىزمۇ ياخشى بولۇپ،بىزگە ياردەملەر قىلىشى تۇرغانلا گەپ.

“مەن خاتا قىلىپتىمەن“

ئەگەر بىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولساق،مۇغەمبەرلىك قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىساق بۇ ھەرگىز كارغا كەلمەيدۇ.شۇڭا ئاكتىپلىق بىلەن خاتالىقىمىزنى تونۇيدىغانلا بولساق باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتە گەپ يوق.

“كەچۈرىسىز”

ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز دەرھال كەچۈرۈم سورىشىڭىز كېرەك،چىن كۆڭلىدىن سورىغان كەچۈرۈم ئاچچىقلىنىپ تۇرغۇچىنىڭ غەزىپىنى پەسەيتىپ،پەسكويغا چۈشۈپ سىزنى كەچۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

“سىز ماڭا ياردەم قىلالارسىزمۇ؟”

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار شۇنى ئېسىدە تۇتىدىكى باشقىلارنىڭ پىكرى ۋە كەچمىشلىرىنىڭ ئۆزىگە ياردىمى تېگىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ،باشقىلارنىڭ ياردەملىرىنى قوبۇل قىلىدۇ،مانا بۇلار دەل ئەڭ ياخشى رەھبەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەخلاقى سۈپەتتۇر.

“مەن سىزگە ياردەم قىلاي”

مېنىڭ بىر دوستۇم بار بولۇپ ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇپ،ئۇ دائىم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.شۇڭا ئۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغىنىدا نەچچە مىڭ دوستىغا ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنەلەيدۇ.

“مەن ئۆزگەرتىپ باقاي”

سىز بارلىق كۈچىڭىزنى ئىشقا سالدىڭىزمۇ؟ئەگەر ئۇنداق بولمىسا،سىز قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

”ھېچقىسى يوق“

ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا ،كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا،باشقىلار بىلەن قاتتىق تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ قالغاندا ،سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىن ئۆگىنىپ،ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ”ھېچقىسى يوق” دېيىشنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمىغايسىز.



خەتكۈچلەر:
07-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
06-02-2016
        تۈركىيەنىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى تاركان يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ يېڭى پلاستىنكىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن قاتتىق ئالدىراش بولۇپ، تۈنۈگۈن ئاخشام يېرىم كېچىگىچە ئاۋاز ئېلىش زالىدا ئىشلىدى. ئۇ سائەت بىرلەر بىلەن ئاۋاز ئېلىش ...
Powered by Leglek