ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى ئابىشىكنىڭ ئاپىسى جايا باچان بىلەن ئاشۋارىيا ئەپ ئۆتەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك.
2007-يىلى توي قىلغاندىن تارتىپ جايا بىلەن ئاشۋارىيانىڭ ئىناق ئەمەسلىكى يېڭى خەۋەر ئەمەس، بولۇپمۇ بۇلتۇر ئاشۋارىيا كىنو ساھەسىگە قايتىپ كېلىپ خىزمىتىگە دىققىتىنى بۇرىغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ سۈركىلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئىگەللىنىشىچە، جايا ئاشۋارىيادىن كىنوچىلىققا قايتماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ بېسىم قىلغان، خۇددى ئىلگىرى ئامىتابنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا بېسىم قىلغاندەك، لېكىن ئاشۋارىيا جايانىڭ گېپىگە كۆنمەي كىنوچىلىققا قايتىپ قالماستىن بىراقلا نەچچە فىلىمنى توختام ئىمزالاپ ۋاقىت جەدۋىلىنى كىنو ئىشلەش بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن.
بۇلتۇر ئاشۋارىيانىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى فىلىمى قويۇلغاندا، ئاشۋارىيا فىلىم تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايپېتەك بولدى، باچچان ئائىلسى بولسا باشتىن ئاياغ قول قوشتۇرۇپ تۇردى. فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغۇ ئاشۋارىيا ئاتا-ئانىسى بىلەن قاتناشتى. شۇ مەزگىلدە ئاشۋارىيا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا «ئاتا ئانام ۋە قىزىم ئارادىيا مېنىڭ بارلىقىم» دەپ ئابىشىكنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇ سابىق «دۇنيا گۈزىلى» نىڭ بەختسىز نىكاھىغا قاراتقان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئاشۋارىيانىڭ نىكاھى ۋە باچچان ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان يىمىرىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئاشۋارىيا يېقىن مەزگىلدە ئاجراشمايدىكەن. «ئاشۋارىيا ئەنئەنىۋى ئايال، ئۇ ھازىر باچچان ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ بىر تەرەپتىن كىنو ئىشلىگەچ، قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئاشۋارىيا ھەم نام-ئاتاققا ئامراق، ئۇ باچچان دېگەن فامىلىدىن بۇنچە بۇرۇن ۋاز كەچمەيدۇ».
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved