جۇڭگو ئاخبارات تورى 19- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 17- مارت ھايتىدا بىر باكلىق ئاپتوموبىلغا ئوت تۇتۇشۇپ پارتلاپ كېتىپ، ئاز دېگەندە يەتتە ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تەخمىەن 30 ئادەم ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان.
ھايتى ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىكى خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ قېتىمقى باكىلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى بىر تاسادىبىيلىق ، بۇ ۋەقە پايتەخت پورت-ئوپرىنسنىڭ شەرقىي-شىمالىغا تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى خىچ بازىرىدا يۈز بەرگەن.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، باكلىق ئاپتوموبىل داكارجادا يۈك چۈشۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا بىر تامغا سوقۇلۇپ كېتىپ، سۇيۇق ھالەتتىكى يېقىلغۇلار سىرىتقا ئېقىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ يېقىلغۇلار ناھايىتى تېزلا سىرىتتا كاۋاپ پىشۇرىۋاتقان بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئالىغا ئېقىپ كېلىپ ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەن، ئوت ناھايىتى تېزلا باكلىق ماشىنىغا تۇتۇشۇپ كېتىپ، ئېغىر پارتلاش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved