مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 30-نويابىر سائەت 09:30 دە ئايرودرومدا قار يېغىشقا باشلىغانلىقتىن، ئارقىدىنلا ئۇچۇش يولىنىڭ يولىنىڭ سۈركىلىش كوئېففىتسېنتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومى ئايرودرومنى 50 مىنۇت تاقاپ، يەنى سائەت 10:30 دىن 11:20 گىچە ئۇچۇش يولىدىكى مۇزلارنى تازىلاشنى قارار قىلغان. بۇنىڭ تەسىرىدە قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭمۇ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن. قارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن، ئايرودروم يەنە ئۇچۇش يولىغا قارىتا ئەمەلىي ۋاقىتلىق ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئىش كۆرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved