ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن ئۈمىد بارمۇ -يوق؟

ئۇكرائىنا مەركىزى بانكىسى 4-مارتتىن باشلاپ ئۆسۈم قوشتى، ئۇكرائىنانىڭ مەملىكەت ئىچى ئىقتىسادى كىشىنىڭ دىققتىنى تارتىدۇ، رۇسىيە دائىرلىرى شۈ كۈنى: ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادا كىرزىسنى تىنچ ھەل قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، رۇسىيەنى جازالاشنى ئۇزارتىشىنى قارار قىلىشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ، دېدى.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەيلى دۆلەت ئىچى سىرىتى بولسۇن، ئۇكرائىنا كىرزىسى نۇرغۇن پايدىسىز ئامىللارغا دۇچ كەلمەكتە، شەرقى قىسمىدا ئۇرۇش توختۇتۇش بارغانسېرى قېينلاشتى.
نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇكرائىنا بانكىسى كۆپ قېتىم ئۆسۈم قوشتى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئېغىر سانائەت مەركەزلەشكەن دونىستىك ئوبلاستى بىلەن لوگەنسېك ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشتى، داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى توقۇنۇش ئۇكرائىنا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.


2015-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇكرائىنا تاشقى پرۋوت زاپىىسى بىر مىليارد 100مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازايدى، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى %19.7تۆۋەنلىدى. ئىستىمال باھاسى %28.5 ئېشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يېمەكلىك، دورا، ئاممىۋى قاتناش ۋە سۇ، توك قاتارلىقلارنىڭ باھاسى تەخمىنەن %30تىن كۆپرەك ئاشتى. دۆلەتتىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئىقتىسادى چېكىنىش ئۇكرائىناغا بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي مەسىلە پەيدا قىلدى، كىشىلەر ئەنسىزلىككە چۈمدى، نازارىلىق كەپىياتى كۈچەيدى.


نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ئېغىر بولغان ئىقتىسادى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جىددى ئېھتىياجلىق. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ۋە گۈللەندۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شەرقى قىسىمدا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئەمما بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس. گەرچە ئۇكرائىنا، رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە رەھبەرلىرى يېڭى مىنسكى كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۇسالغۇلار كۆپ.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنادىكى تۇقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ يېقىندا توقۇنۇشىۋاتقان رايوندىن ئېغىر تىپتىكى قۇراللىرىنى چېكىندۈردى. ئەمما بۇ تىنچلىقنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ، تىنچلىق مۇساپىسىدا تەكرارلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى يۇققا چىقارغىلى بولمايدۇ. تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلام ۋە دۆلەت چېگرىسىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇكرائىنا دائىرلىرى بىلەن ئەلئىچى قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى ناھايىتى تەس. سىياسىي مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، ئىقتىسادى مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرىشى قىيىنغا توختايدۇ.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇكرائىنا كىرزىسى پەيدا قىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت تىرىكىشى كەسكىنلەشمەكتە. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لوكاشىۋىچ 4-مارت مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالاشنى ئۇزارتىشى يەنە تەھدىد كەيپىياتى يارىتىش، ھەر قانداق جازالاش رۇسىيەنىڭ تۈپ مەيدانىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئالدىنقى كۈنى فىرانسىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، ياۋروپا كېڭىشى رەھبەرلىرى تېلېۋېزىيەلىك يىغىن ئېچىپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭى مىنسكى كېلىشىمى مەزمۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بىلەن غەرب دۆلەتلىرى يولغا قويغان جازالاش تەدبىرىنى باغلايمىز، دېدى.

 

رۇسىيەگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئۇكرائىنا كىرزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولى- ئۇكرائىنا دائىرلىرى شەرقى قىسمدىكى رايون ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى رايونلىرى ۋە ھەر قايسى سىياسى كۈچلەر قاتناشقان ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتىنى تېزدىن باشلاش. رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئاساستا بىز ئۇكرائىنانىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز، دېدى.


ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نىيۇ لەن 4-مارت دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ ئۇكرائىنا كىرزىسى بويىچە ئىسپات بەرگەندە: ئۇكرائىنا- ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئۆتكەن 25 يىلدىن بۇيانقى ياۋروپانىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، ئەركىنلىكى، تىنچلىقىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىدا ھەممىدىن مۇھىم، دېدى.
ھازىر ئامېرىكا- ياۋروپا ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىناغا مالىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرمەكتە. ئامېرىكا يەنە ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى جان ساقلاش بويۇملىرى ياردىمى بەردى، بۇ ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كېيىمى، كېچىدە كۆرۈش ئەينىكى، جىددى قۇتقۇزۇش ساندۇقى، قۇرۇلۇش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئالدىنقى ئايدا: دىپلوماتىيە تىرشىچانلىقى مەغلۇپ بولسىلا، ئۇكرائىنانى جاننى ئالىدىغان مۇداپىئە خاراكتىرلىك قۇراللار بىلەن تەمىنلەش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىشىدىغان تۈرلىرىنىڭ بىرى، دېدى. سىرتتىكىلەر: بۇ تەدبىر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ، بۇ توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تېخىمۇ پايدىسىز، دەپ ئەندىشە قىلدى.



خەتكۈچلەر:
07-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek