ئالما شىركىتى تاپشۇرغان باج 3-كەسىپ ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ

        10- يانۋار، شاڭخەي شەھەرلىك باج تارمىقى 2015- يىلى شاڭخەي سانائىتى ۋە 3- كەسىپتىكى 100 كۈچلۈك باج تاپشۇرغۇچى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشچە، 2015- يىلى، شاڭخەي شەھەرلىك باج تارمىقى يىغقان باجنىڭ سوممىسى بىر تىرىليون 123 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %22 كۆپىيىپ، تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن ئاكسىيە سودىسىدىكى ماركا بېجىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يىغىلغان باجنىڭ سوممىسى 988 مىليارد 861 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %11.3 كۆپەيگەن.ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان 100 كۈچلۈك باج تاپشۇرغۇچى تىزىملىكىدە، شاڭخەي تاماكا گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 76 مىليارد 203 مىليون باج تاپشۇرۇپ، سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ قاتناش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى 13 مىليارد 710 مىليون باج تاپشۇرۇپ، 3- كەسىپ ئىچىدە داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ ئالما شىركىتى ئالتە مىليارد 446 مىليون يۈەن باج تاپشۇرۇپ، 3- كەسىپ ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، ھەمدە باۋشەن پولات- تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان ئۈچ مىليارد 123 مىليون يۈەنلىك باج سوممىسىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەن.

پۇل مۇئامىلە كەسپى مۇھىم ئورۇندا تۇردى

2015- يىلى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ 3- كەسپىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانا جەمئىي 157 مىليارد 250 مىليون يۈەن باج تاپشۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %13.2 كۆپەيدى. بۇنىڭدىن ئاكسىيە سودىسىدىكى ماركا بېجىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق باج كىرىمىنىڭ %15.9 تىنى، 3- كەسىپتە يىغىلغان ئومۇمىي باجنىڭ %23.6 تىنى ئىگىلىدى.

بۇ قېتىمقى 3- كەسىپتە باج تاپشۇرغان 100 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ئەڭ كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، 47 گە يېتىپ، 2014- يىلىدىكى 42 گە سېلىشتۇرغاندا بەشى كۆپەيدى، ئۇلار تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 95 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %36.8 كۆپەيدى، ھەمدە 3- كەسىپتە باج تاپشۇرغان 100 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئومۇمىي باج سوممىسىنىڭ %60.8 تىنى ئىگىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىمۇ مۇتلەق ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، سانى 2014- يىلىدىكى بەشتىن بۇ يىل يەتتىگە كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قاتناش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى ھەمدە شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان باج سوممىسى بىلەن ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرغان.

پۈتۈن 3- كەسىپنىڭ تىزىملىكىدە، پۇل مۇئامىلە ئامىلى بازىرىدىكى كارخانىلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن، جۇڭگو ئاكسىيە تىزىملاش نەقچوت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شاڭخەي تارماق شىركىتى، شاڭخەي ئالتۇن بېرژىسى تۇنجى قېتىم رەت تەرتىپكە كىرگەن.


ئالما شىركىتى 3- كەسىپ ئىچىدە 3- ئورۇندا تۇردى

جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بوغالتىرلىق ئۇچۇرى سۈپەت تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئالما كومپيۇتېر سودىسى (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتىدە سەككىز مىليارد 799 مىليون يۈەن ئاز ھېسابلانغان كىرىم، ئۈچ مىليارد 446 مىليون يۈەن ئاز ھېسابلانغان تەننەرخ خىراجىتى، بەش مىليارد 354 مىليون يۈەن كۆپ ھېسابلانغان پايدا قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، 452 مىليون يۈەن باجنى ئاز تاپشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە سېتىش كىرىمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان رېمونت تەننەرخىدە 452 مىليون يۈەن باجنى ئاز تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئالما كومپيۇتېر سودىسى (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتىدىن 452 مىليون يۈەن ئالاقىدار باج پۇلى ۋە 65 مىليون يۈەن جەرىمانە تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان شاڭخەي شەھىرىنىڭ 3- كەسىپتىكى 100 كۈچلۈك باج تاپشۇرغۇچى تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى ئالتە مىليارد 446 مىليون باج تاپشۇرۇپ، قاتناش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى (13 مىليارد 710 مىليون يۈەن) ۋە شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى (13 مىليارد 70 مىليون يۈەن) دىن كېيىنلا قالسا 3- كەسىپ ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

پايچېكلارنىڭ تۆھپىسى چوڭ

2015- يىلىدىكى ئاۋات پاي بازىرىدا، پايچېكلار پاي بازىرىدىكى سودىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 3- كەسىپتىكى 100 كۈچلۈك باج تاپشۇرغۇچى تىزىملىكىدە، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە، قەرەللىك مال بېرژىسى پاي چەكلىك شىركىتى ۋە شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسى ئايرىم ھالدا تۆت مىليارد 126 مىليون يۈەن ۋە ئۈچ مىليارد 728 مىليون يۈەنلىك باج تاپشۇرۇش سوممىسى بىلەن 5- ۋە 6- ئورۇندا تۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، گوتەي جۈنئەن ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى ۋە خەيتۇڭ ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئايرىم ھالدا ئۈچ مىليارد 72 مىليون يۈەن ۋە ئىككى مىليارد 841 مىليون يۈەنلىك باج تاپشۇرۇش سوممىسى بىلەن 8- ۋە 11- ئورۇندا تۇرغان.

ياسىمىچىلىق كەسپى 3- كەسىپنىڭ رەقىبى بولالمىدى

2015- يىلى، شاڭخەي شەھىرىدىكى سانائەتتە 100 كۈچلۈك باج تاپشۇرغۇچىلار جەمئىي 174 مىليارد 470 مىليون يۈەن باج تاپشۇرغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە تاپشۇرۇلغان ئومۇمىي باج سوممىسىنىڭ %17.6 تىنى، 2- كەسىپتە تاپشۇرۇلغان ئومۇمىي باج سوممىسىنىڭ %54.2 تىنى ئىگىلىگەن. شاڭخەي نېفىت خىمىيە پاي شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى شاڭخەي گاۋچياۋ تارماق شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 3- ۋە 4- ئورۇندا تۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، شاڭخەي ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى ۋە شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى گەرچە مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىش ۋە ئامبار زاپىسى بېسىمىنى تۈگىتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما رەت تەرتىپتە يەنىلا ئىنتايىن ئالدىدا بولۇپ، 17 مىليارد 247 مىليون يۈەن ۋە سەككىز مىليارد 788 مىليون يۈەنلىك باج سوممىسى بىلەن 2- ۋە 5- ئورۇندا تۇرغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ باج تاپشۇرۇش تىزىملىكىدە، تاماكا كارخانىلىرى يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، شاڭخەي تاماكا گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 76 مىليارد 203 مىليون باج تاپشۇرۇپ، سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ھەمدە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان شاڭخەي ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى تاپشۇرغان باج سوممىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. باۋشەن پولات- تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى 7- ئورۇندا بولۇپ، ئۈچ مىليارد 123 مىليون يۈەن تاپشۇرغان.

 

     تۆۋەندىكىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ 3- كەسپىدىكى ئەڭ كۆپ باج تاپشۇرغان 20 كۈچلۈك كارخانا:

1. قاتناش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 13 مىليارد 710 مىليون يۈەن.

2. شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى پاي چەلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 13 مىليارد 70 مىليون يۈەن.

3. ئالما كومپيۇتېر سودىسى (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئالتە مىليارد 446 مىليون يۈەن.

4. شاڭخەي بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى تۆت مىليارد 436 مىليون يۈەن.

5. جۇڭگو پۇل مۇئامىلە، قەرەللىك مال بېرژىسى پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى تۆت مىليارد 126 مىليون يۈەن.

6. شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئۈچ مىليارد 728 مىليون يۈەن.

7. شاڭخەي ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئۈچ مىليارد 498 مىليون يۈەن.

8. گوتەي جۈنئەن ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئۈچ مىليارد 72 مىليون يۈەن.

9. جۇڭگو نېفىت شەرقىي باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 885 مىليون يۈەن.

10. جۇڭگڭ جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئۆمۈر سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 843 مىليون يۈەن.

11. خەيتۇڭ ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 841 مىليون يۈەن.

12. خېرىدار چاقىرىش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى ئىناۋەتلىك كارتا مەركىزى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 793 مىليون يۈەن.

13. شاڭخەي يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 745 مىليون يۈەن.

14. جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى شاڭخەي شەھەرلىك تارماق بانكىسى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 567 مىليون يۈەن.

15. شاڭخەي شاڭچى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلى سېتىش چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 291 مىليون يۈەن.

16. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى شاڭخەي شەھەرلىك تارماق بانكىسى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 216 مىليون يۈەن.

17. باۋجيې (جۇڭگو) تىجارەت چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئىككى مىليارد 11 مىليون يۈەن.

18. فورد ئاپتوموبىل (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 994 مىليون يۈەن.

19. جاگۇئار لەندلوۋېر ئاپتوموبىل سودىسى (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 971 مىليون يۈەن.

20. جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى شاڭخەي شەھەرلىك تارماق بانكىسى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 895 مىليون يۈەن.


تۆۋەندىكىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ سانائەت كەسپىدىكى ئەڭ كۆپ باج تاپشۇرغان 20 كۈچلۈك كارخانا:

1. شاڭخەي تاماكا گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 76 مىليارد 203 مىليون يۈەن.

2. شاڭخەي ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 17 مىليارد 247 مىليون يۈەن.

3. جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى شاڭخەي نېفىت-خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 16 مىليارد 28 مىليون يۈەن.

4. جۇڭگو نېفىت خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى شاڭخەي گاۋچياۋ تارماق شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 11 مىليارد 536 مىليون يۈەن.

5. شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى سەككىز مىليارد 788 مىليون يۈەن.

6. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شاڭخەي شەھەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى تۆت مىليارد 194 مىليون يۈەن.

7. باۋشەن پولات- تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى ئۈچ مىليارد 123 مىليون يۈەن.

8. شاڭخەي گاۋياڭ خەلقئارا تاماكا چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 363 مىليون يۈەن.

9. شاڭخەي گولى ئاپتوموبىل خۇرۇم بېزەكلىرى چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 30 مىليون يۈەن.

10. كوكاكولا ئىچىملىك (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 179 مىليون يۈەن.

11. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شەرقىي جۇڭگو شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 56 مىليون يۈەن.

12. داجىن ھاۋا تەڭشىگۈچ (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى بىر مىليارد 47 مىليون يۈەن.

13. شاڭخەي مىتسۇبىشى لېفىت چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 973 مىليون يۈەن.

14. شاڭخەي خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 916 مىليون يۈەن.

15. شاڭخەي لو جەمەتى دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 858 مىليون يۈەن.

16. جۇڭمېي شاڭخەي سكۇيب دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 857 مىليون يۈەن.

17. شاڭخەي ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 857 مىليون يۈەن.

18. شاڭخەي داجۇڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 811 مىليون يۈەن.

19. بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 748 مىليون يۈەن.

20. شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان باجنىڭ سوممىسى 725 مىليون يۈەن.



خەتكۈچلەر:
13-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek