رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە NTVتېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىلىس ۋىلايىتىگە جايلاشقان مەكتەپكە مىناميوت ھۇجۇمى قىلغان سۇرىيەدىكى ئىستىھكامغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپ مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بومبا سۇرىيە چېگراسىدىن ئېتىلىپ، مەكتەپ ھويلىسىغا چۈشكەن، مەكتەپنىڭ بىر ئايال خىزمەتچىسى ئۆلگەن، يەنە بىر ئوقۇغۇچى يارىدار بولغان. غەرب مېدىيەلىرى ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە، مىناميوت ئوقى سۇرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىستىھكامىدىن ئېتىلغان.
NTVتېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىناميوت كاتيۇشادىن ئېتىلغان. تۈركىيە ئارمىيەسى ئېتىلغان ئورۇننى جەزىملەشتۈرگەن ھەمدە بۇ ئىستىھكامغا زەمبىرەك بىلەن قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved