يېقىندا ، ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىدا ئۇدا قارا يامغۇر يېغىپ كەلكۈن كەلدى ، سېربىيە ، بوسنىيە– گېرتسېگوۋېنا ، پولشا ، كىرودىيە قاتارلىق جايلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىدى .
خەلقئارا قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىنى مىڭ يىلدا بىر كۆرۈلىدۇ ، دەپ تەرپلىدى . تاراتقۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا كەلكۈن ئاپىتىدە بۇ رايونلاردىن كەم بولغاندا 37 ئادەم قازا قىلغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، سېربىيەدە ئۇدا ئۈچ كۈن ياغقان يامغۇرنىڭ مىقدارى پۈتۈن يىلدىكى 3 ئايلىق يامغۇرغا باراۋەر كېلىدىكەن ، پايتەخت بېلگرادتىكى 10 نەچچە مەكتەپ ۋە تەنتەربىيە مەيدانلىرى ۋاقىتلىق پاناھ جاي بولغان .
بېلگرادقا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوبرېنوۋاسنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ ، بۇ رايون ئەتراپىغا جايلاشقان سېربىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى توك تەمىنلەشنى توختاتقان ، خادىملىرىمۇ ھەممىسى چېكىنگەن، سېربىيە ھۆكۈمىتى ۋە سېربىيە ئېلېكتىر شىركىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved