ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىڭ ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارىماقتا، شۇ سەۋەب گۆشلۈك تاماقلاردىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، گۆشلۈك تاماقلارنى نورمال يەپ بەرگەندە، بەدنىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن يەنە مول ۋىتامىن ۋە مېنرال ماددىلارنى تولۇقلايدۇ. شۇڭا مۇتەخەسىسلەر تۆۋەندىكى يەتتە خىل كىشلەر چوقۇم گۆش يېيىشى يەنە ئستېمال قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.
1.ئورۇقلىماقچى بولغانلار. گۆشتىكى ئاقسىل مىقدارى ئادەمنى ئۇزاققىچە توق ھالەتتە تۇرغۇزىدۇ. شۇنداقلا ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى گۆش ئىستېمال قىلىش بىلەن كۆپەيتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
2.قان ئازلىق كېسىلى بارلار. قان ئازلىق ئادەتتە ئاقسىل ياكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ بەدەندىكى مىقدارنىڭ كەمچىل بولغانلىقىتىن كېلىپ چىقىدۇ، گۆشتە بۇ خىل ماددىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى.
3.ھامىلدار ئاياللار ۋە بالا ئىمىتىۋاتقانلار. ئۇلار ئۆزى ۋە بالىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئادەمنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئالدىنقى شەرت قىلىنغانلىقتىن گۆشىنى كۆپرەك ئسىتېمال قىلىپ بېرىشى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
4.ئۆسمۈرلەر. بۇ مەزگىل ئۆسۈپ يېتلىشى مەزگىلى بولغاچقا، چوقۇم گۆش ئىستېمال قىلغاندىلا، ئاقسىلنىڭۇ تولۇقلىنىش ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
5. 65ياشتىن 70ياشقىچە بولغانلار. بۇ ياشقا كەلگندە، ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى بوشاشقا باشلايدۇ ھەم ئاقسىلمۇ مۇسكۇللار ئارقىلىق تېزلا يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا چوقۇم گۆش ئستېمال قىلىش ئارقىلىق .ئاقسىلىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك.
6. ئۆسمە كېىسىلى بارلار. ئۆسمە كېىسلى بىر خىل خورىتىش كېسىلى، ئەگەر ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، كېسەللىكنى داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۆسمە كېىسلى بىمارلىرى چوقۇم ئاقسىلىنىڭ سۈمۈرلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
7.ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلار. بۇنداق بىمارلار تولۇقلىملارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىش كېرەك، شۇڭا چوقۇم كۆپ مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىش كېرەك، شۇڭا گۆش ئىستېمال قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved