جاھان ئاگېنتلىقى 23-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سىنگاپورنى دۇنياۋى سودا ۋە ئىقتىساد مەركىزىگە ئايلاندۇرغان دۆلەتنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى Lee Kuan Yew، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ 91 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سىنگاپور باش مىنىستىرلىك ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سابق باش مىنىستىر لى كۇەن يېۋنىڭ 5-فېۋرالدا ئېغىر ئۆپكە كېسلى سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ شۇ دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سىنگاپورنى دۇنياۋى سودا ۋە ئىقتىساد مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ دۇنيانىڭ ئەڭ باي دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇش ھالىتىگە ئەكەلگەن بۇ باش مىنىستىر لى كۇەن يېۋ، 31 يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى ۋە 2011-يىلىغا قەدەر ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىدى.
سىنگاپور باش مىنىستىرى Lee Hsien Loongنىڭ دادىسى بولغان لى كۇەن يېۋ، ئەسلى جۇڭگولۇق بولۇپ، 1959-يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەتتە تۇرىۋاتقان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنى قۇردى ۋە دۆلەتنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى بولدى.
لى كۇەن يېۋ، ئەنگىلىيەنىڭ مالايا، شىمالى بىرونى ۋە ساراۋاك بىلەن مالايسىيە فېدىراتسىيەسىگە باغلانغان سىنگاپورنى فېدراتىسيە دائىرىسىدىن چىقىرىپ، 1965-يىلى 9-ئاۋغۇستتا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئۇ مائارىپقا مەبلەغ سېلىپ ياخشى تەربىيەلىك ۋە ياخشى بولغان ئىنگىلىز تىلى بىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچى يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىنگاپورنى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى ۋە چەتئەللىك شىركەتلەرنى دۆلەتكە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلدى. ۋە ئامېرىكىلىق نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورناتتى.
لى كۇەن يېۋ ھۆكۈمىتىدە دۆلەتتە ئۆز قارىشىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويۇش ۋە تەشۋىقاتقا قارىتا چەكلەش پەيدا بولدى ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەر، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. لى كۇەن يېۋ دەۋرىدە بۇنىڭدىن باشقا دۆلەتتە بىر قىسىم سىياسىي قانۇنلار چىقىرىلدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زىرەك ئىنسانلارنى تېخىمۇ زىرەك ئەۋلادلارنى دۇنياغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىلدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھىندىستان ناۋسارى، بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 36 ئادەم قازا قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved