CES2016يەرمەنكىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا، كۇۋالكوم شىركىتى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سنەپدراگون 820 تىپلىق يېڭى بىر ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن تۇنجى يانفون لېشى Max Pro نى كۆپچىلىككە رەسمىي نامايەن قىلغان.
لې Max Pro بولسا لېشى شىركىتىنىڭ 2016-يىللىق تۇنجى بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى بولۇپ، بۇ يانفونغا كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سنەپدراگون 820 سەپلەنگەن، بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ سامسۇڭنىڭ 14nm LPP تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، CPU قىسمىغا كۇۋالكوم شىركىتى ئۆزى ياساپ چىققان Kyro قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تۆت دانە يادرودىن تۈزۈلگەن (2*2150MHz+2*1593MHz)؛ ئۇندىن باشقا، GPU قىسمىغا پۈتۈنلەي يېڭىدىن لايىھەلەنگەن Adreno530 تىپلىق ئۆزەكچە سەپلەنگەن.
بۇ يانفونغا يەنە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ 802.11ad ئۆلچىمىدىكى سىمسىز تورنى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، سىمسىز تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ئىكەن، ئۇنىڭغا يەنە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق بارماق ئىزىنى تونۇش سېنىزورى سەپلەنگەن بولۇپ، بارماق نەم بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ توغرا تونۇيالايدىكەن.
لېشى Max Pro يانفونىنىڭ سىرتقى شەكلى لېشىنىڭ بۇرۇنقى يانفونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، شۇنداقلا تار رامكىلىق ۋە مېتال گەۋدىلىك لايىھە قوللىنىلغان.
باشقا سەپلىمىلىرىگە كەلسەك، لېشى Max Pro يانفونىغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K بولغان 6.33 دىيۇملۇق ئېكران، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، تۆت مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا، 21 مىليون پىكسېللىق ئاساس كامېرا قاتارلىقلار سەپلەنگەن، OIS تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى، USB Type-C ئېغىزى ۋە VoLTE تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved