1 – ئورۇندىكىسى: شاڭخەي رېلىسلىق قاتنىشى، يەنى شاڭخەي مېتروسى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 1 – لېنىيەسىدە 1995 – يىل 10 – ئاپرېل رەسمىي قاتناش باشلانغان، بۇ بېيجىڭ مېتروسى، تيەنجىن مېتروسىدىن كېيىن قاتناش باشلانغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 3 – شەھەر مېترو قاتناش سىستېمىسىدۇر. 2013 – يىل 29 – دېكابىرغىچە، شاڭخەي مېتروسىنىڭ ئومۇمىي لېنىيەسى 567 كىلومېتىرغا يەتكەن.
2 – ئورۇندىكىسى: بېيجىڭ مېتروسى. بېيجىڭ مېتروسىنى پىلانلاش 1953 – يىلى باشلىنىپ، 1965 – يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، دەسلەپكى لېنىيە 1969 – يىلى پۈتكەن. 2014 – يىلى يانۋاردا بېيجىڭ مېترو لېنىيەسى 17گە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 465 كىلومېتىرغا يەتكەن.
3 – ئورۇندىكىسى: گۇاڭجۇ مېتروسى. گۇاڭجۇ مېتروسىدا 1997 – يىل 28 – ئىيۇن قاتناش باشلانغان. 2013 – يىلى 28 – دېكابىرغىچە، گۇاڭجۇ مېتروسىنىڭ تىرانسپورت لېنىيەسى توققۇزغا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 260.5 كىلومېتىرغا يەتكەن.
4 – ئورۇندىكىسى: شېنجىن مېتروسى. شېنجېن مېتروسى 1999 – يىلى ياسىلىشقا باشلىغان، 2004 – يىل 28 – دېكابىر رەسمىي قاتناش باشلانغان. 2011 – يىلى ئىيۇنغىچە، شېنجېن مېتروسىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشىدا پۈتۈنلەي قاتناش باشلىنىپ، بەش لېنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 178كىلومېتىرغا يەتكەن.
5 – ئورۇندىكىسى: چۇڭچىڭ مېتروسى. چۇڭچىڭ مېتروسىدا 2004 – يىلى نويابىردا قاتناش باشلانغان. 2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تىرانسپورت تېجارەت لېنىيەسى بەشكە، ئومۇمىي مۇساپىسى 168.8 كىلومېتىرغا يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved