خەلقئارا تېز لىنىيىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭلىقىنى ۋاكالىتەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۇكرائىنا پارلامىنېت ئەزاسى تورچىنوف سۆز قىلىپ ،شەرقىي قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان نامايىشچىلاردىن ،بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بۇرۇن ،قورال تاشلاپ چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن .
ئۇنداق بولمىسا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .بىراق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ شۇ جايدىكى مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ،تۈنۈگۈن كېچىگە قەدەر نامايىشچىلار تەلەپ بويىچە تارقىلىپ كەتمىگەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىمۇ ھەربىي ھەرىكەت قوللانمىغان .
دونسىك ئوبلاستىدىكى گېرلوفوكادا ،ئاز دېگەندە 100 روسىيەپەرەس نامايىشچى شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسى باش شىتابىنى قورشىۋالغان .
نامايىشچىلار روسىيە دۆلەت بايرىقىنى ئاسماقچى بولۇۋاتقاندا ساقچى ئىدارىسى باش شتابىدىكى قىسىم نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى .دونسىك ئوبلاستىدىكى سىلاۋىيانىسكى قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە ،ھازىرغىچە نامايىشچىلارنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان ھۆكۈمەت بىنالىرىدىن چېكىنىش نىيىتى يوقتەك قىلىدۇ ،ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى تېخىچە ھەرىكەت قوللانمىدى .
سىلاۋىيانىسكى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇخبىر مۇنداق دېدى :
‹گەرچە بۇ يەرنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈۋاتقان پارلامىنېت باشلىقى تورچىنوفنىڭ ئەڭ ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىنى جاكارلىغىنىغا بىر نەچچە سائەت بولغان بولسىمۇ ،ئەمما شەھەر مەركىزىدە نامايىش قىلغۇچىلار يەنىلا ساقچى ئىدارىسى بىناسىنى ئىگىلىدى ،شەھەر رايونى ئىچىدە ھېچقانداق توقۇنۇش يۈز بەرمىدى .
4-ئاينىڭ 13-كۈنى ،ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيتى يەنىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى .سىلاۋىيانىسكى شەھىرىنىڭ سىرتىدا روسىيەپەرەس قوراللىىقلار بىلەن ئۇكرائىنا ئالاھىدە قىسمى توقۇنۇشۇپ ئاز دېگەندە بىر ئادەم بەش ئادەم يارىلانغان ئىدى .خاركوۋدا روسىيەپەرەس ۋە ئۇكرائىناپەرەستىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھنىڭ ئادەملىرى ئىلگىركى تىنچلىقىنى بۇزۇپ تۇقۇنۇشقانلىقتىن نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان .
مارىئوفول ۋە ماكىيىسكادا 4-ئاينىڭ 13-كۈنى يەنە روسىيەپەرەس نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن . روسىيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچقان ئىكەن .
ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكا روسىيەنى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتكە مەسئۇل بولىشى كېرەك دەپ ئەيىبلىگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نامى ——— LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved