بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن كەچ سائەت 23:00 دە مىكروسوفىت Surface مەھسۇلات ئىلان قىلىش يىغىنى نېۋيوركتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنىڭ پۈتكۈل جەريانى توردا نەخ مەيداندىن كۆرسىتىلىدۇ. مەزمۇنىغا قىززىققۇچىلارنىڭ تۆۋەندە تەمىنلەنگەن ئادرېستىن ۋاقتىدا كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلاغاندا مىكروسوفىت بۇ قېتىم ئاساسلىقى
( 12 سۇڭ Surface Pro 3 ، Surface Pro دىن نېپىز، Intel شىركېتىنىڭ Haswell بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئىشلىتىلگەن) نى ئېلان قىلىدۇ، رىۋايەتلەردىكى Surface Mini دىن ھىېچ خەۋەر يوق.
بۇ قېتىم مەھسۇلات ئېلان قىلىشتا Win8.2 ۋە Win9 سىستېمىلىرى ھەققىدە يېڭىلىقلار تەمىنلەنمەسلىكى مۇمكىن، مىكروسوفىت تەرەپ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۈگۈن كەچ ئېلان قىلىنىغان Surface Pro 3 نىڭ ئايرىم ھالدا i3, i5, i7 قاتارلىق بىرتەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن نۇسخىلىرى بولۇپ، باھاسى ئوخشىمايدۇ.
نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان Surface Pro 3 نىڭ CPU ، ئىچكى ساقلىغۇچ، ساقلىغۇچ ۋە باھا ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك:
• i3-4GB RAM-64GB ROM - $799(4980 CNY)
• i5-4GB RAM-128GB ROM - $999(6227 CNY)
• i5-8GB RAM-256GB ROM - $1299(8097 CNY)
• i7-8GB RAM-256GB ROM - $1549(9655 CNY)
• i7-8GB RAM-512GB ROM - $1949(12148 CNY)
بۇنىڭدىن سىرت مىكروسوفىت Win8.2 ۋە Win9 سېستىمىلىرىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە Win9 كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ ۋە بۇ يېڭى سىستېمىغا كومىيۇتېر نۇسخىسىدىكى Cortana ئاۋازلىق ياردەمچىسى سەپلىنىدۇ.
بەزى خەۋەرلەردە يەنە مىكروسوفىت كېلەر يىلى بۇلۇت تېخنىكىسى ئاساسىدىكى Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلىدۇ دىيىلگەن.
2014 – يىلى 5- ئاينىڭ 20 – كۈنى كەچ سائەت 23:88 (بېيجىڭ ۋاقتى) Surface ئېلان قىلىش يىغىنى نەخمەيدان ھالىتىنى توردا بىۋاستە كۆرۈش ئادرېسى:
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved