ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى 1-مارتتىن باشلاپ تۇرپاندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق پويىزدىن 15 نى كۆپەيتىپ، بايرامدىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمىنى يېنىكلىتىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆپەيتىلگەن ۋاقىتلىق پويىز 1-مارتتىن 4-مارتقىچە، 6-مارتتىن 16-مارتقىچە كۈنىگە بىر نۆۋەت قاتنايدىغان بولۇپ، پويىز تۇرپان، مالەن، خوشۇت، قاراشەھەر، كورلا، كۇچا، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، بارچۇق قاتارلىق 10 بېكەتتە توختايدىكەن.
تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قايتىش سەپىرىدە ھەرقايسى ۋوگزاللارغا كىرگەندە تەرتىپلىك يول يۈرۈپ، قىستاشماسلىقنى ئەسكەرتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved