شىنخۇا ئاگىتكىقى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى : يېقىندا تاراتقۇلار جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ شياڭگاڭدا يولغا قويغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ ئىچكىرىدىكى جايلاردا يولغا قويغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىن كۆپ ئېتىبارلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ ئىش قىزىق پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى .جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ شاڭگاڭ بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ھەق ئىلىش ئۆلچىمىدىكى پەرىق راستىنلا شۇنچە چوڭمۇ ؟ كۆچمە خەۋەرلىشىشتىكىلەر راستىنلا رايۇن ئايرىمىچىلىلەقى قىلىۋاتامدۇ قانداق ؟ زادى قانداق نەرسە ،قانداق سەۋەپ مۇشۇنداق چوڭ ھەق ئىلىش پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ؟ ئىستىمالچىلار بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق گۇمان بىلەن يۈرۈشمەكتە .
ئوخشاشلا بىر دۆلەتتە پەرىق قانداقسىگە شۇنچە چوڭ بولىدۇ ؟
نۆۋەتتە ،بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىيىشىچە ،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ شاڭگاڭدا يولغا قويغان ھەق ئىلىش ئۆلچىمى ئىچكىرىنىڭكىدىن خېلىلا پەرقلىق بولۇپ ، ئىتىبارلار ھەقىقەتەن بەكلا چوڭ . جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ شاڭگاڭدا يولغا قويغان 68شاڭگاڭ پۇلىلىق ئايلىق يۈرۈشلىك كەسپى 1700 مىنۇتلۇق پاراڭلىشى ۋاقتى ، 10000(ئون مىڭ )تال قىسقا ئۇچۇر ، شۇنداقلا چەكسىز ئېقىم مىقدارىدىكى تورغا چىقىش(ھەيران قالغانسىز؟) مۇلازىمىتى بار ئىكەن . چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى باھاسى يىقىن كىلىدىغان 58 يۈەنلىك ئايلىق يۈرۈشلىك مۇلازىمىتىدە بولسا ئاران 350مىنۇتلۇق سۆزلىشى ۋاقتى ،10MB لىق تور ئېقىم مىقتارى(بەزى رايۇنلارنىڭ ئوخشىمايدۇ) بار بولۇپ ، تېخى قىسقا ئۇچۇرغا ئايرىم ھەق تۇتىدۇ .
ئوخشاشلا بىر دۆلەتتە پەرىق قانداقسىگە شۇنچە چوڭ بولىدۇ ؟ قوزغالغاندا بىر كىچىك تاشمۇ مىڭ قەۋەتلىك دولغۇن چىقىرىۋېتىدۇ دىگەندەك ، تورداشلار ئارقا - ئارقىدىن يۈرۈشلىك مۇلازىمەت ھەق ئېلىشتىكى پەرق توغۇرلۇق غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى . ئوخشاش بىر دۆلەت ، يەنە شۇ ئوخشاشلا بىر كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن يۈرۈشلىك مۇلازىمەتتىكى ھەق ئېلىش پەرقى ۋە ئىتىبار پەرقى شۇنچە زور بولىدۇ؟ يەنە تېخى چەكسىز ئېقىم مىقدارى ...... ئەجىبا بىزنىڭ ئىستىمال سەۋىيىمىز راستىنلا شاڭگاڭنىڭكىدىنمۇ يۇقىرىمۇ ؟
يۇقارقى پىكىرلەرگە قارىتا شىنخۇا ئاگىنىتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ شاڭگاڭدىكى ئابۇنىتلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسىگە تېلفۇن ئۇرۇپ ئەھۋال ئىگەللىدى . مۇلازىمەتچى خادىم چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ، بۇبىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇنلىغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئابۇنتلارغا نىسبەتەن ئىنىق بولمىغان ئەھۋاللارنى بارلىقىنى ن يەنە يۈرۈشلىك مۇلازىمەت .ىچىدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى .
مۇلازىمەتچى خادىن مۇنۇلارنى چۈشەندۈرۈپ بەردى ، ئەمەلىيەتتە 3G Liteدىگەن بۇ ئايلىق يۈرۈشلىك مۇلازىمەتنىڭ ئەسلى ئايلىق ھەققى 128شاڭگاڭ دوللىرى ،ئابۇنىتلار يەنە 12شاڭگاڭ دوللىرىلىق تۆمۈر يول ، تونىل ،كۆچمە تىلىفۇن مۇلازىمىتى ئىجازەتنامىسى ھەققى ۋە مەمۇرى ھەق قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى كىرەك . مۇشۇلارنى يىغىو كەلگەندە جەمئىي 140 شاڭگاڭ دوللىرى بولىدۇ . ئەگەردە بىر يىللىق ئۇدا ئىشلىتىش كىلىشىمىگە قوشۇلسا ،ئابۇنىتلار ئاساسلىق يۈرۈشلىك مۇلازىمەت ھەققىنى ئازلىتىش ئىتىبارىغا ئېرىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن باھا 68شاڭگاڭ دوللىرى ھەم ئۇنىڭغا قوشۇلغان مەمۇرى باشقۇرۇش ھەققى دىگەندەك 12 دوللارنى قوشۇپ جەنئىي 80 شاڭگاڭ دوللىرى بولىدۇ دىگەن گەپ .
ئۇنداقتا ،چەكسىز ئېقىم مىقارىلىق تورغا چىقىش دىگەن بۇ كىشىنى ئەڭ مەھلىيا قىلىدىغان مۇلازىمەت راستىنلا ھەقىقەتمۇ ياكى بۇنىڭمۇ ئارقىدا باشقا شەرتلىرى بارمۇ ؟ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ شاڭگاڭ تور بېكىتىدە مۇخبىر مەزكۇر يۈرۈشلىك مۇلازىمەتكە مۇناسىېەتلىك تونۇشتۇرۇشنى ئىزدەپ تاپتى . تونۇشتۇرۇش ئىچىدە ناھايتى ئىنىق قىلىپ تورغا چىقىش ئېقىمى ئۆز رايۇنىدا چەكسىز دەپ بەلگە قويۇقلۇق ئىكەن . لېكىن ئىشلىتىش شەرتى دەپ ئايرىم تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە تورغا چىقىش يوللاش سۈرئېتى ئەڭ تېز بولغاندا ھەر سىكۇنتىغا 384 KB دا چەكلىنىدۇ ، تورنى ھەمبەھىرلىگىلى ۋە p2pئىقتىدارىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ،پەقەت يانفۇندىلا تورغا چىققىلى بولىدۇ دىگەندەك شەرتلىرى بار ئىكەن . كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە بۇ سۈرئەت چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 3G تورنىڭ سۈرئىتىگىمۇ تەڭ ئەمەسكەن .
پاراڭلىشى ۋاقتىغا قارىتا ، شاڭگاڭ يۈرۈشلىك مۇلازىمىتى راستىنلا خەۋەرلەردە ئىيتىلغاندەك شۇنداق ئىتىبارلىقمۇ ؟ كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ شاڭگاڭدىكى ئابۇنىتلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى مۇلازىمەتچى خادىمى چۈدەندۈرۈپ ،يۈرۈشلىك مۇلازىمەت ئىچىدىكى پاراڭلىشى ، قىسقا ئۇچۇر ۋە ياكى تورغا چىقىش بولسۇن ، ھەممىسى پەقەت ئۆز رايۇنى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ، شىنجىنغا يىقىنراق يەردە تۇرۇپ يۇقارقى مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىپ قالسىمۇ باشقىچە مۇلازىمەت ئۆلچىمى بويىنچە ئايرىم ھەق تۇتۇلىدىغانلىقىنى ھەم ئەسلىدىكى يۈرۈشلىك مۇلازىمەت ھەققىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ، مەسىلەن ،بۇ يۈرۈشلىك مۇلازىمەتنى ئىشلەتكۈچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇرۇپ تىلفۇن قوبۇل قىلسا ، قوبۇل قىلىش ھەققىنىڭ ئۆزىنىڭلا ھەر مىنۇتىغا 7.78 شاڭگاڭ دوللىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
تېلگىراف ئانالىزچىسى فۇلىاڭ مۇنداق كۆرسەتتى‹مۇشۇنداق ئاددىي بولغان سىلىشتۇرما يۈرۈشلىك مۇلازىمەت چوقۇم مەلۇم تەرەپلىرى ئىلمىي ئەمەس ، يەنى ھەرقايسى يۈرۈشلىك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان قوشۇمچە شەرت ،ئىشلىتىش شەرتى بولىدۇ . تىلگىراف ھەق ئېلىش .ۆلچەملىرى نىسبەتەنۋە كەسپىي بولغان پىلان شەككىللىرى ئاساسىدا بولىدۇ . تىلگىراف كارخانىلىرى ئوخشىمىغان رايۇن ، ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئالاھىدە تەڭشەشلەرنى قىلىدۇ›
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ---LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved