يېقىندا ئامېرىكا ‹‹بۈگۈنكى ساغلاملىق›› تورى ماقالە ئېلان قىلىپ، سىزنى زۇكامدىن ساقلاپ قالىدىغان يەتتە خىل ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قېتىقنى كۆپ ئىچىڭ. ئۈچەي ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ياخشى ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئەزاسى. يۇقۇملۇق زۇكام يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان مەزگىلدە پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى تولۇقلاپ، قېتىق، پىشلاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەرنى تەڭشەپ، ياللۇغنى ئازايتىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
بۇرۇننى پاكىز يۇيۇش. بۇرۇن ئادەم بەدىنىدىكى نەپەس سىستېمىسىنىڭ بىرىنچى ‹‹سۈزگۈچى›› بولۇپ، ھەر كۈنى سۇس تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇننى يۇيۇپ (چايقاپ) تۇرۇش لازىم.
تىرناقنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندىكى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر تىرناق ئۈچ مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، تىرناق ئارىسىدىكى مىكروب تىرنىقىنى ئېلىپ تۇرغانلارنىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. بۇلار يەنە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ مەنبەسى بولىدىكەن، مەسىلەن: تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قاتارلىقلا، شۇڭا چوقۇم تىرناقنى ئېلىپ تۇرۇش لازىمكەن.
يېمەكلىك ئارقىلىق سىنىك تولۇقلاش. سىنىك تولۇقلىغاندا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللىتىدىكەن، تەركىبىدە سىنىك مول يېمەكلىكلەردىن قاپلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، راك، قىزىل گۆش تۈرى، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ۋە قاتتىق پوست (شۆپۈك) لىق يېمەكلىكلەر. بۇلار ئىچىدە ئويىستېر قۇلۇلىسى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان سىنىك تولۇقلاش ماھىرى ئىكەن.
تېز مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش.
ئامېرىكىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن پىيادە تېز مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى زور بولىدىكەن.
ياخشى ئۇخلاش. ھەر ئاخشىمى يەتتە سائەتتىن كام ئۇخلىغانلارنىڭ زۇكام بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئۆرلەيدىكەن.
ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېمەسلىك. يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، شۇڭا يېمەكلىك تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان چوڭ ئاپېلسىن، ئاپېلسىن، چىلان قاتارلىقلارنى تولۇقلاش؛ ھەركۈنى ئالتە سەردىن بىر جىڭغىچە كۆكتات ئىستېمال قىلىش، بۇلار ئىچىدە رەڭلىك كۆكتات يېرىمدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىش، مەسىلەن، پالەك، ئەركەك ئەمەن قاتارلىقلار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved