ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى ۋاقتىدىكى ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى بىراجام ماخاپاترا يېقىندا 94 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئىگىلىنىشچە، بىراجام ماخاپاترا ئىلگىرى شەرقىي ھىندىستان تىگىرىيەنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ھەشەمەتلىك ئوردا سارايلاردا تۇرغان، 30 نەپەر مالىيى بار، يەنە تېخى بىر 25 دانە ماشىنىدىن تۈزۈلگەن ماشىنا ئەترىتى بار ئىكەن. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، پۈتۈن بايلىقى ۋە دۆلەت بېجىدىن ئايرىلىپ قالغان، بىر يىلدا ئاران 1260 يۈەن كىرىم بىلەن جېنىنى باققان.
بىراجام ماخاپاترا كەنتتىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئاشلىقى ئارقىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن، ئۇ گەرچە ھازىر ئۇ بىر قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان.
![]() |
ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.
7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved