ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ۋەزىيىتى نۆۋەتتە يەنىلا ئاۋۋالقىدەك جىددىي بولۇپ ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن رۇسپەرەس قوراللىق كۈچلەرنىڭ توقۇنۇشى توختىغىنى يوق . ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 16-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئۇكرائىنا نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن زور كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ قويدى .
رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 17-نويابىر پوروشېنكونىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈگەن ماقالىسىدە دېيىلىشىچە ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 16-نويابىر گېرمانىيە ‹‹سۈرەتلەر گېزىتى ›› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : مەن رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن قورقمايمەن ، بىز ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىشقا ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولدۇق . بىز تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىمىز ، ئەمما يامان ئەھۋالدا قالغاندىلا ئۇرۇش قىلىمىز . ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاۋاكېف 17-نويابىر مۇنداق دېگەن : دونباسرايونىدا تەخمىنەن 7000 دەك رۇسىيە ئەسكىرى بار، ‹‹تاجاۋۇزچىلىق قوزغاش›› ئېھتىماللىقى بار . بىز ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز .
رۇسىيە ‹‹كۆزقاراش گېزىتى ›› نىڭ 17-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 16-نويابىر گېرمانىيە ARD تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا تىنچلىق ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشتا ، كىيېۋدا ئۇرۇش توختىتىش كېرەك ھەمدە سىياسىي سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك . رۇسىيە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا يول قويمايدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved