رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا فىرانسىيەدىكى ياۋرۇپا 1-رادىيو ئىستانسىسى ۋە فىرانسىيە تېلېۋىزىيە 1-قانىلى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى يۇتۇۋېلىش ياكى ئۇنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئويى يوق، رۇسىيە ئەزەلدىن ئۇنداق قىلىپ باقمىغان، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.
ياۋرۇپا 1-رادىيو ئىستانسىسى 4-چېسلا مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ئۈزۈندىسىنى ئاڭلاتتى. پۇتىن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچى بولۇپ قالماسلىقى»نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن مۇنىلارنى تەكىتلىدى: ئۇكرائىنا دائىرىلىرى پۇقرالىرى بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك، سۆزلىشىش تانكا-ئايروپىلان بىلەن ئەمەس، سۆھبەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرى ياكى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved