رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ چاۋشيەن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1- دېكابردىكى خەۋرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، چاۋشيەن ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن خالىي دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەندە چىقىدىغان ئورگان گېزىتى « دېموكراتىك چاۋشيەن » 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىرمۇ بىمار بايقالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ چاۋشيەننىڭ ئەڭ ياخشى دۋالاش سىستېمىسى ۋە خەلق سىياسىتىنىڭ پايدىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: دۆلىتىمىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەھىيە نازارەت خىزمىتىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.
چاۋشيەن 12- ئاينىڭ 1- كۈنى پىيۇڭيادىكى خەلق مەدەنىيەت سارىيىدا دۇنيا ئەيدىز كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، چاۋشيەن سەھىيە تاراماقلىرىنىڭ ئەمەلدارىلىرى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ماسلاشتۇرۇغۇچىسى قۇشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات، پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى ۋە چەتئەلنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved