ئىراق ۋەزىيىتى ئىراققا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكەباشلىدى

ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشكە ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەر ھەمدە غەربىي ئاسىيا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ تەسىر يېتىشكە باشلىدى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.


نۆۋەتتە، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ شىددەتلىك ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ مەيدان كرىزىس ئەگەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمايدىغان بولسا، ئىراق ھەمدە غەربىي ئاسىيانىڭ سىياسىي قېلىپىغا ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىدۇ.


ئىراق ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ داۋالغۇشى قوش كرىزىس ئېلىپ كەلدى. بىر تەرەپتىن، دىنى ئەسەبىيلەر ۋە تېررورچى كۈچلەرنىڭ زورىيىشغا يول قويۇلسا، ئىراق ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياكى ھالاك بولۇشىغا بىۋاسىتە تەھدىت يەتكۈزىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا سادام ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان ھاكىمىيەت تەقسىماتى يېڭى قېلىپى ئېغىر خىرىسقا يولۇقتى.


سۈننى مەزھىپى ئۇزاقتىن بۇيان شىئە مەزھىپىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىدىن نارازى بولغانلىقتىن، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولدى، ھەتتا ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلدى. پارلامېنتتىكى سۈننى مەزھىپىدىن بولغان ئەزالار زۇڭلىنىڭ يىغىن ئىچىش مۇراجىئىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار ئىزچىل تۈردە نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان جىركوكنى كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەلىپى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. بۇ قېتىم، ئەسەبىي تەشكىلات چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغاندا، كوردلار ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ چېكىنىشىنى پۇرسەت بىلىپ، جىركوك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى دەرھال ئىگىلىدى، بۇنىڭدىن، بۇ مەيدان كرىزىسىنىڭ ئىراقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۈننى مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە كۇردلاردىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق كوللېكتىپ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەڭ زور تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئىراق ھۆكۈمىتى تېزدىن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۈننى مەزھىپى رەھبەرلىرى بىلەن يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، دۈشمەنگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرمايدىغان بولسا، بۇنىڭ نەتىجىسى، ئىراقتىكى ئۈچ چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت تالىشىش كۆرۈشىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى، ھەتتا سۇنى مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پارتلىشى ۋە ئىراقنىڭ سۈننى مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە كۇردلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ئۈچ دۆلەتكە بولۇش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.


بۇ رايونىدىكى دۆلەتلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىراق كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمايدۇ. «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قۇراللىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت سۈننى مەزھىپىدىن بولغان بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، سۇرىيە، ئىراقنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىيوردانىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيتىگىمۇ تەھدىت يەتكۈزىدۇ، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى سۈننى مەزھىپىدىن بولسىمۇ، بىراق، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نىشانلىق قارا ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلدى ھەمدە ئىيوردانىيە ئىران ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ دىنى پادىشاھلىق قۇرىدىغان دۆلەتلەر زېمىنى ئىراقتىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئارىلىقىدىكى ئوتتۇرا شەرقتىكى يادرولۇق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەگەردە ئىراقتىكى سۈننى مەزھىپىدىكىلەر بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدىغان بولسا، ياكى ئىراقتىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان بولسا، ئىران بۇنىڭغا زور كۈچ بىلەن ئارىلىشىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، ئىراق، ئىران، سۇرىيەدىن ئىبارەت شىئە مەزھىپىدىن بولغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىشىش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار قاتارلىق سۈننى مەزھىپىدىن بولغان ھاكىمىيەتلەر ئىران ۋە سۇرىيە بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان قارشىلىشىپ كەلگەنلىكتىن، ئىزچىل تۈردە سىياسىي، مالىيە جەھەتتە سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلاتنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكى ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولۇپ، كەلگۈسىدىمۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، دىنى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىراق بىلەن سۇرىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. كۆپ تەرەپلەر بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قالىدىغان بولسا، پۈتكۈل رايون ئۇزاق مۇددەت داۋالغۇش ۋە قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ.


بۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە قارىتا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار ئىراق مالىك ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقى تەدبىر قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۈچ چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇراللىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى مۇراجەت قىلدى. بىز، ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بۇ مەيدان كرىزىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.



خەتكۈچلەر:
26-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek