مەنبە: ۋىكىپېدىيە قامۇسى
بەششار ھافىز ئەسەد 1965-يىلى 11-سىنتەبىردە دەمەشىقتە تۇغۇلغان. سابق پرېزىدېنت ھافىز ئەسەدنىڭ ئوغلى، سۇرىيە پرېزىدېنتى ۋە سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيىسى رەھبىرى. بەششار ئەسەد دەمەشىق ئۇنىۋېرستىتىدا مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغان، 1988-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەربىي دوختۇر بولۇپ سۇرىيە ئارمىيسىدە ئىشلىگەن. كېيىن ئەنگىلىيەگە بېرىپ ئوفتالمولوگىيە«كۆزشۇناسلىق» كەسپىدە ئوقۇغان، 1994-يىلى ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسەد ئائىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ قالغان ۋە سۇرىيەگە قايتقان . 2000-يىلى بانكا خادىمى ئەسما ئەكراس بىلەن ئۆيلەنگەن.ئەسەنىڭ ھافىز، زەيىن، كەرىم دەپ ئۈچ ئوغلى بار. شۇ يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئورنىغا پرېزىدېنت بولۇپ چىقتى. بەششار ئەسەدنىڭ كەسپى كۆز دوختۇرلۇق ئىدى. بەششار ئەسەد دەسلەپتە خەلقئارا جەمئىيەت نەزىرىدە ئىسلاھاتپەرۋەر دەپ قارالغان بولۇپ، شام باھارىنى سىياسىي تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇپ خەلقئارادىكى بۇ تەسىرىنى ئاجىزلىتىپ قويغان ۋە 2011-يىلى بېشىدا ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان ئەرەب باھارى نامايىشىنى قۇراللىق بېسىم ۋە ھەربىي مۇداخىلە ئارقىلىق باستۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي يۇقاتقان. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كانادا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ئەرەب ئەللىرى نۇرغۇن قېتىم ئەسەدنىڭ پرېزىدېنتلىقتىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بەششار ئەسەد 1994-يىلى ئاكىسى باسىل ئەسەد بىر قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىپ ئەنگىلىيەدىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن، ۋە دادىسى ھافىز ئەسەدنىڭ ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن تەربىيلەنگەن. دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سۇرىيە پارلامېنتى پرېزىدېنتلىقنىڭ ياش شەرتىنى 40 ياشتىن 34 ياشقا ئۆزگەرتىپ بەششار ئەسەد پرېزىدېنت بولغان.
ھافىز ئەسەد ئۆلگەندىن كېيىن سۇرىيەدە دېموكراتىك ئىسلاھات ئۈمىدى تۇغۇلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ماجرا يۈز بەرگەن «شام باھارى» يۈز بەردى. 2000-يىلى ئىيۇلدا باشلانغان شام باھارى ھەرىكىتى دۆلەتنىڭ ئىىستىقبالى ھەققىدە ئادىل ۋە ئەركىن سايلام ئارقىلىق ئىقتىسادى ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان نۇرغۇن پائالىيەتچىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن 2001-يىلى ئاۋغۇستتا ئاخىرلاشتى. ئەسەد ئائىلىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ 12% نى تەشكىل قىلىدىغان شىئە مەزھىبىنىڭ تارمىقى «نۇسەيرى» تائىپىسىىگە تەۋە. ئەسەد سۇرىيەنىڭ 75% نى تەشكىل قىلىدىغان سۈننىي مەزھىبى مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن قارشىلىققا ئۇچرىماقتا. سۇرىيەدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلسى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مۇستەقىل تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا، سۇرىيە 1963-يىلىدىن بۇيان جىددى ھالەت ئاستىدا ئىدارە قىلىنغان ۋە بۇ ۋەزىيەتتە بىخەتەرلىك تارماقلىرى سۇراقسىز قولغا ئېلىش ھۇقۇقىغا ئىگە بولغان. سۇرىيەدە ئەسەدنىڭ گۈللىنىش پارتىسىيىدىن باشقا سىياسي پارتىيەلەر چەكلەنگەن بولۇپ، ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلمىغان.
2011-يىلى 15-مارتتا باشلىنىپ شۇ يىلى ئاپرېلدا سۇرىيە مىقياسىغا كىڭەيگەن ئەرەب باھارى ھەرىكىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى زور قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. نامايىشچىلار 1971-يىلىدىن بېرى دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيتىنىڭ ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سۇرىيە ئارمىيىسى نامايىشچىلارنى قۇراللىق باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن تىنچ نامايىش قۇراللىق ئىنقىلابقا ئۆزگەرگەن. سۇرىيە ئارمىيسىدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن پىدائىيلار تەشكىللىنىپ ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچ بولۇپ توپلانغان. بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى سۇرىيەنىڭ 30-40% نى كونترول قىلماقتا، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا 200 مىڭغا يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش داۋاملاشقىلى بۇ يىل 5 يىل بولدى. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئارىىسدا: ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسى، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق مۆتىدىل تەشكىلاتلار ۋە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى، نۇسرەت فرونتى قاتارلىق ئىسلامچى قۇراللىق تەشكىلاتلارمۇ بار. يەنە سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئارىىسدا كۈرت ۋە تۈركمەن قۇراللىقلىرىمۇ بار.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved